دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىرلەشمىسى «فەتىھ ئارمىيسى» گە قاراشلىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، سۇرىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئىدلىب رايۇنىدا ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا ئائىت كارمىد ھەربىي لاگېرىنى تامامەن كونترول قىلىۋالدى. سۇرىيە ئىنقىلاب كومىتىتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «فەتىھ ئارمىيسى» گە قاراشلىق قىسىملار ئىدلىب چېگرا رايۇنىدىكى ھۆكۈمەت قىىسملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي لاگېرى بولغان كارمىد رايۇنىنى كونترول قىلدى، دېيىلگەن. باياناتتا يەنە، قۇراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ رايۇن ئەتراپىدا 2 تانكا ۋە نۇرغۇن ھەربىي ماشىنىلارنى ۋەيران قىلغانلىقى، «فەتىھ ئارمىيسى»نىڭ رايۇندا باشلىغان ھەرىكىتىگە «غەلبە ھەرىكىتى» دەپ نام بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. سۇرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرۇلغان «فەتىھ ئارمىيسى»، نۇسرەت فرونتى، ئەھرارۇششام، ئسىلام ئارمىيسى، شام ئسىلام ئەترىتى، تۈركمەن مۇھاجىرلىرى بىرلىكىدىن تەشكىل تاپىدۇ. «فەتىھ ئارمىيسى» بۇنىڭدىن بۇرۇن سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب رايۇنىغا ھەرىكەت قوزغاپ رايۇننى كونترول قىلغان ئىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامىleglek
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved