دۈمبە ئاغرىش، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، خامۇشلۇق قاتارلىق كېسەللەرنى ئاساسەن زەخىملەنگەن چىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چىش دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر تال چىش بەدەندىكى مەلۇم بىر ئەزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئەگەر مەلۇم بىر چىش زەخىملەنگەن بولسا، ئۇ بەدەندىكى باشقا ئورگانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن، قۇرت يېگەن ياكى سېسىغان چىشنىڭ كۆكرەك ئاغرىش، خامۇشلۇق، رېماتىزم، ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى زور ئىكەن، يەنى ﹪80 كە يېقىن ئىچكى كېسەلنى دەل چىش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.ھازىر، كىشىلەر چىش يىلتىزى ۋە چىش مىلىكى ياللۇغلىنىشتىن بولىدىغان يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپىگە قارىتا يېڭى تونۇشلارغا ئىگە بولدى، باكتېرىيە قان تومۇرلار ئارقىلىق ئورگانىزملارغا كىرىپ «قۇربانلىق ئەزا»نى بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ يېيىشكە باشلايدۇ، بەزى چىش ئاغرىقلىرى قوزغالمىغاندا، باكتېرىيەلەر بەدەندە ئۇزاق مۇددەت سېزىلمەي ساقلىنىپ قالىدۇ، چىشنى چىرىتكۈچى باكتېرىيەلەر بەدەندىكى مەلۇم ئەزا ۋە بوغۇملارنى چىرىتىشكە باشلىغاندا، ئاندىن ئۆز قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، نەتىجىدە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى ھەتتا ھامىلىدارلىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىش مىلىكى ياللۇغلانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇپ قويۇش، ھامىلە تۇنجۇقۇپ قىلىش خەۋپى نورمال ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا يەتتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا، چىش ئاغرىقىغا سەل قارىماسلىقىمىز، ۋاقتىدا داۋالىتىشىمىز تولىمۇ زۆرۈركەن.
چىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەردىن :سۇ: مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە، چىش مىلىكىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن سۇ ئىچكەندە، ئېغىزدىكى يېمەكلىكنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ، چىشقا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.يالپۇز: يالپۇز يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ئالېكىن تۈرىدىكى خىمىيىۋى بىرىكمىلەر قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى ئۆپكىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە يېنىك، يەڭگىل نەپەسلەندۈرىدۇ.شېكەرسىز سېغىز: شېكەرسىز سېغىز شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىزبوشلۇقىنىڭ كىسلاتالىقىنى تەڭشەپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پىشلاق: كالىتسىي ۋە فوسفاتلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا، ئىشقارلىق قىممىتىنى تەڭشەپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىپ، چىشنى قۇرت يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم چىشنى چىڭىتىدىغان كالىتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، چىشنىڭ ئېماللىق قەۋىتىنى كۈچەيتىپ ھەم قايتا قۇرۇپ، چىشنى تېخىمۇ چىڭ قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved