ئاۋىسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋىسترالىيىدىكى تېلېگراف شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈمىدىن باشلاپ Telstra Air Network تۈرىنى قوزغاتقان بولۇپ، نەچچە مىليون ئاۋىسترالىيىلىك مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چەكلىمىسى يوق ھەقسىز wi-fi ئىشلىتەلەيدىكەن. ئاۋىسترالىيە تېلېلگىراف شىركتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەقسىز ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىشنى ئويلايدىغان ئاۋىسترالىيىلىكلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز wi-fi نى ئىشلىتەلەيدىكەن، يەنى 50 مىليون دانە ئېنىقلىقى يۇقىرى سۈرەت يوللىغان بىلەن باراۋەر كېلىدىغان ئېقىم مىقدارىنى ھەقسىز ئىشلىتىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 15-چىسلادىن 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، بارلىق تەلەپكە ئويغۇن كېلىدىغان ئاۋىسترالىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ يانفون ۋە كەڭ بەلباغلىق تور ئابونتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 200 مىڭدىن كۆپرەك ئۇلىنىش نوقتىسىدا ھاقسىز wi-fi ئىشلىتەلەيدىكەن، بۇ ئۇلىنىش نۇقتىلىرى ھەقلىق تېلېفون، قەھۋەخانا، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلىنىش نوقتىسىغا 20-30 مېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتا ئۇلىنىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە، ئاۋىسترالىيە تېلېگراف شىركىتى 6-ئايدا Telstra Air Network تۈرىنى قوزغاتقان، ئەمما ئۇ چاغدا بۇ تورنى ئىشلىتىشكە نۇرغۇن تەلەپلەر قويۇلغان، مەسىلەن چوقۇم ئاۋىسترالىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ كەڭ بەلبەغلىق تور ئابونىتى بولۇشى كېرەك، ھەر قېتىم پەقەت 30 مىنۇت ئۇلىنىش كېرەك، سەرپ بولغان ئېقىم مىقدارىنى ئائىلەنىڭ بەلگىلەنگەن چەكتىكى ئېقىم مىقدارىدىن چىقىرىۋېتىش دېگەندەك نۇرغۇن چەكلىمىلەر قويولغان. 15-چىسلادىن باشلاپ، ئاۋىسترالىيە تېلېگراف شىركتىنىڭ ئابونتلىرى ھېچقانداق ئېقىم مىقدارى ياكى ۋاقىتنىڭ چەتلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ھەقسىز Wi-Fi ئىشلىتەلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved