2016- يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىنىڭ سېتىلىۋاتقىنىغا تۆت كۈن بولدى.ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىن چىقىدىغان پويىزلارنىڭ بېلىتى نىسبەتەن قىس بولماقتا. بۇ يىل نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى يانفونى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋىلىشنى قولاي كۆرگەن.مۇخبىرىمىز 29- نويابىر ئۈندىدار ۋە يانفوندىكى چ چ دا مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى پويىز ۋاقىت جەدۋىلىنى، قانچە بېلەت قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، «12306» تورىنىڭ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ھەرخىل پويىز ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى، «12306» تورى ھېسابات نومۇرى يوقلارمۇ يانفوندىكى ئۈندىدار ياكى چ چ ئارقىلىق بىۋاسىتە بېلەت زاكاز قىلالايدىكەن، پۇل تۆلىيەلەيدىكەن.
ئۈندىدارنىڭ «ھەميان» دېگەن يېرىدىن «پويىز بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى» دېگەن يېرىگە كىرىش ئارقىلىق پويىز ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئاستىدىكى «12306» دېگەن يېرىگە كىرگەندە تور بەت ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق پويىز بېلىتى زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن. زاكاز قىلىپ پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى ۋوگزال، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورنى ياكى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدىن بېلەتنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved