بۇ يىل چەرچەن ناھىيەسى ئاشلىق تېرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، خېبىي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تاللاپ يېتىشتۈرگەن شالغۇتلاشتۇرۇلغان يېڭى شال سورتى « جاڭ زاگۇ 5-نومۇر » نى تاتىراڭ بازىرى، ناھىيەلىك سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مەيدانى، سالۋادۆڭ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى قاتارلىق يېزا-بازار( مەيدان)لاردىكى 300 مو يەرگە سىناق قىلىپ تېرىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ سورتنى سىناق قىلىپ تېرىغان دېھقانلار بۇ يېڭى شال سورتنى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. نۆۋەتتە تېخنىك خادىملارنىڭ نەق مەيداندا مەھسۇلات ئۆلچىشىچە، بۇ شال سورتىدىن ئالغان مو بېشى مەھسۇلاتى 250 كىلوگىرامدىن، مو بېشى كىرىمى 1500 يۈەندىن يۇقىرى بولۇش مۆلچەرلىنىپ، بو سورتنىڭ كېلەر يىلى پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىگە كېڭەيتىلىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، « جاڭ زاگۇ 5-نومۇر » بولسا خېبىي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېتىشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇلغان سورت بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، سۇ تېجەشچان، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سورت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شال سورتىنى تىكىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2005-يىلى مەملىكەتلىك شال ئانالىز قىلىش باھالاش يىغىنىدا 1-دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك شال بولۇپ باھالانغان.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved