سىنا پەن تېخنىكا ئۇچۇرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ - 14 كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى خەۋىرى.
<سان خوسې ئالاقە گېزىتى> ئېلان قىلغان < كىرىمىنىي جىلغىسىدىكى 150 كۈچلۈك كارخانا> دېگەن دوكىلاتىدا كۆرستىشچە، ئالما شىركىتىنىڭ يىللىق تىجارەت كىرىمى 174 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئىككىچى قاتاردىكى خۇيپۇ( HP) ۋە ئۈچۈنچى قاتاردىكى گۇگېل(GOOGLE)نىڭ يىللىق تىجارەت كىرىم يىغىندىسىدىن ئىشىپ كەتكەن، بۇنىڭدىكى ساپ پايدىسى 37 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئىككىنچىلىكتىن بەشىنچىلىككىچە بولغان كارخانىلارنىڭ ساپ پايدا كىرىم يىغىندىسىدىنمۇ ئىشىپ كەتكەن.
گەرچە ئالما شىركىتى يىللىق تىجارەت كىرىم ۋە ساپ پايدا جەھەتتىن باشقىلاردىن خىلىلا ئۇزاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بازار قىممىتى پەقەتلا خۇيپۇ، گۇگېل، ئېنتىل(Intel) ۋە سىسكو(Cisco)لارنىڭ ئومومىي يىغىندىسىنىڭ 70%نى ئىگەللەيدۇ.
كىرىمىنى جىلىغىسىدىكى 150 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى 8- قاتارغا تىزىلغان فەيىسبۇك( Facebook)نىڭ بازار قىممىتى تەخمىنەن ئالما شىركىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ بولۇپ ، تىجارەت كىرىمى پەقەت ئالمىنىڭ 4%گە، ساپ پايدىسى ئالمىنىڭ 4%گىمۇ يەتمەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved