ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى ياپونىيەدە جەمئىي بىر مىليون 210 مىليون ياش ‹‹قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى››غا قاتناشقان. ياپونىيەدە 20 ياشقا توشقان ياشلارغا قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 2-دۈشەنبىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ 1948-يىلى قانۇندا بېكىتىلگەن، بۇ يەنە ‹‹قۇرامىغا يېتىش بايرىمى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى ياپونىيەنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ بايرام ھېسابلىنىدۇ. 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ ئوغۇللارغا تاج كىيدۈرۈش ئادىتى ياپونىيەگە كىرگەن، كېيىن قەدىمكى ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللارغا چېچىنى بوغۇپ، تاج تاقاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
سامۇرايلار دەۋرىدە، بۇ مۇراسىم ئوغۇللار بىلەنلا چەكلەنگەن، بۈگۈنكى ياپونىيەدە قۇرامىغا يېتىش بايرىمى قىز-ئوغۇل دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت 20 ياشقا توشسىلا، بۇ مۇراسىمغا قاتناشسا بولىدۇ.
ئىلگىرىكى قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمىنى كىشىلەر ئۆز ئائىلىرىدە ئۆتكۈزەتتى، كېيىن شەھەر، رايونلاردىكى ئاممىۋى ئورگانلار، مەكتەپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى كوللېكتىپ ئۆتكۈزىدىغان بولغان. ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار ۋە دوستلار مۇراسىمنى تەبرىكلەپ، سوۋغات بېرىدۇ.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved