بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . چاۋشىيەن تاراتقۇلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ ماتېرىيالنى تۇلۇق ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن پيوڭياڭ شەھىرى پىڭ چۈەن رايونىدىكى سېلىنىۋاتقان بىر بىنا مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ،خادىملارنىڭ ئۆلۈپ يارلىنىشى كېلىپ چىققان ،بىراق كونكرېت ئۆلگەن يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنمىغان .
چاۋشىيەن تاراتقۇلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ سەلبىي تەرەپلەرنى خەۋەر قىلىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ ،شۇڭا بۇ ئىش چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ،بۇنىڭ ئىچىدە كورىيە تارقاتقۇسى بۇ بېنا گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىنىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى ،بىراق كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خەۋىرىنى چاۋشىيەن دائىرلىرى ئىسپاتلىمىدى .
چاۋشىيەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ،خادىملارنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىش قاتارلىق تەپسىلى ئەھۋاللار ئاشكارىلانمىدى ،پەقەت بۇ ھادىسە قۇرۇلۇش جەريانىدا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەتتىكى يەڭگىلتەگلىكى ۋە نازارەتنىڭ بوشلۇقىدىن كېلىپ چىققان ،رەھبەر كىم جۇڭئىن ھادىسە دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قاتتىق ئازابلىنىپ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى دېيىلدى ،ئۇلار قۇرۇلۇش قىلىشتىكى بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇلغا خىلاپلىق قىلغاچقا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى ،بۇ خىل قورقۇنۇچلۇق ھادىسىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قائىدە ئۆلچەم بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك دېيىلدى .
كورىيە چاۋشىيەن گېزىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پىيۇڭچۈەن رايونىنى ئەنشەن بىرىنچى بىناسى 23 قەۋەت بۇلۇپ بىنا پۈتمەي تۇرۇپلا 92 ئائىلىلىك ئالدىن كۆچۈپ كىرگەن ،شۇڭا ئۆلگەن يارىلانغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن ،چاۋشىيەن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ھادىسە يۈز بەرگەن جاي پيوڭياڭ شەھىرى مەركىزىگە جايلاشقان بۇلۇپ ،كۆچۈپ كىرگەنلەر چاۋشيەننىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ئارمىيە ئورۇنلىرى ۋە چەتئەل پېرېۋوت تارماقلىرى قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى ئىكەن .
كورىيە مەركەز گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن كىم جۇڭئېننىڭ ئىشخانىسىغا ئىككى كىلومېتىرلا كېلىدىكەن ،كورىيە ytnتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ،2007-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدىن باشلاپ ،چاۋشىيەن زامانىۋى ئىمارەتلەرنى كۆپلەپ سالغان ،بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۈز مىڭ ئائىلىلىك تۇرالغۇ قۇرلىشى چاۋشيەننىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ،كىم جۇڭئىن ئىلگىرى پيوڭياڭ شەھەر مەركىزىدىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى بولۇپمۇ بۇ قېتىم ھادىسە بولغان ئورۇننى كۆزدىن كەچۈرگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved