2014-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم ›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2014-يىللىق ‹‹لوقمان ھەكىم ›› دىكى بەش چوڭ يېڭىلىق بىرلەشمە تەبرىكلەش يىغىنى خەلقئارا چوڭ بازار تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ، ئۈرۈمچى ، 13-دېكابىر خەۋىرى : شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدا ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان نوپۇزلۇق شىركەتلەرنىڭ بىرى . 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ 2014-يىللىق ‹‹لوقمان ھەكىم›› دىكى بەش چوڭ يېڭىلىق بىرلەشمە تەبرىكلەش يىغىنى خەلقئارا چوڭ بازار تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى .
يىغىنغا سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتكەن تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، جۇڭگو جۇڭيى پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ، جۇڭگو سەھىيە تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ، جۇڭگو سۈپەت تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فېڭلۇ ، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ جۇڭ ، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ئەپەندى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابلەت ئەپەندى ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى سەھىيە نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەسخۇت ئىسخاكوف ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى ، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يالقۇن ئەپەندى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى كېسىم كومىتېتىنىڭ باشلىقى ، داڭلىق ئادۋۇكات مىجىت لېتىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك–دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ئاتاۋۇللا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى تېببىي مەمۇرىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قەيسەر ئىمىر ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسورى ، ئاتاقلىق شائىر ھاجى مۇختەر بۇغرا خېلىل ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ساخاۋەتچى ئاتىلار›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹بۈگۈنكى سۆھبەت ›› پىروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى مۇھەممەد توختى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات-تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دولقۇن ئابدۇللا ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئاخبارات-تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام ئابدۇكېرىم ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى جېلىل غوپۇر ، شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق دارۋاز ئارتىسى ، پەلەك ئەركىسى ئابلەت مەجۈن قاتارلىق مېھمانلار ، شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى بىر تۈركۈم مىللىي پۇقراۋى كارخانىچىلار ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى .
شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم ›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمە سۆز قىلدى
يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان 2014-يىلدىكى «بەش چوڭ يېڭىلىق» تۆۋەندىكىچە :
بىرىنچى يېڭىلىق : شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمە مەملىكەت دەرىجىلىك شەرەپكە نائىل بولدى .
شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغىلى ئەمدىلا بەش يىل بولغان ياش كارخانا بولسىمۇ ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك زور تەرەققىيات ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى روياپقا كەلتۈردى .شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ساخاۋەت ئورگىنى ، مەكتەپ ، يەسلىلەردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ياردەم قىلغان . 2013-يىلى 12-ئايدا يەنە «ئىللىق تەڭرىتاغ ، ‹لوقمان ھەكىم› ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق ھەرىكىتى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بىر مىليون 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نەق پۇل ، ماددىي بۇيۇم ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىئانە قىلىپ ، خەير-ساخاۋەتنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى . بۇنى خەلق بىلدى ، شاھىت بولدى ، سۆيۈندى .
شۇڭا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹لوقمان ھەكىم›› شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ياش ، ئىجتىھاتلىق دوختۇر تۇرغۇنجان جۈمەگە 2-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە خەير-ساخاۋەتتە «ئالاھىدە تۆھپىلىك كارخانىچى» شەرىپىنى تەقدىم قىلدى ، تۇرغۇنجان جۈمە بۇ شەرەپكە شىنجاڭدىن ھەم ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ ئېرىشكەن شەخس بولۇپ قالدى .
ئىككىنچى يېڭىلىق : شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇتى قۇرۇلدى .
بۇنىڭدىن يۈز يىل بۇرۇنلا تۇرپاندىكى مۇھىتىلار جەمەتى پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ، ئىلىدىكى مۇسابايوفلار كۆن خۇرۇم زاۋۇتىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە تالاي سانائەت نامايەندىلىرى كۆز چاقنىتىپ كەلمەكتە . مانا بۈگۈن ‹‹لوقمان ھەكىم ›› شىركىتىمۇ تۆت مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا رايونىدا 1500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ، ئىلغار ، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلغان ‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى . بۇ زاۋۇت پات يېقىندا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرى ئىلگىرىكىدەكلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىلىپلا قالماي ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ ھەمدە ‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى تۈرلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ .
ئۈچىنچى يېڭىلىق : جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىدىن كەلگەن خۇشخەۋەر
‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ، شىركەتنىڭ سەمىمىيىتى خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماي مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى ، بولۇپمۇ جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، ‹‹لوقمان ھەكىم›› شىركىتى «جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزا كارخانىسى »، شىركەت قۇرغۇچىسى تۇرغۇنجان جۈمە ‹‹جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت كېڭەش ئەزاسى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولدى .
تۆتىنچى يېڭىلىق : شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى شەرىپى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلىش
‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، «لوقمان ھەكىم» ماركىسىمۇ ئوخشاشلا ھەممەيلەنگە تونۇلدى . شۇڭا ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ، باھالىشى ۋە تەستىقلىشى بىلەن «لوقمان ھەكىم» ماركىسى «شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى .
2014-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو-ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك ›› خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە ‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرى ‹‹داڭلىق ماركا›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ‹‹لوقمان ھەكىم ›› شىركىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ ، دەسلەپكى قەدەمدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ۋاكالەتچى ، سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى .
بەشىنچى يېڭىلىق : ھەرقايسى جايلاردا «لوقمان ھەكىم خەير-ساخاۋەت نۇقتىسى» قۇرۇلدى
‹‹لوقمان ھەكىم›› شىركىتى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ساخاۋەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ، مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 30 ئورۇندا ‹‹لوقمان ھەكىم خەير-ساخاۋەت نۇقتىسى ›› تەسىس قىلدى . بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى ۋىلايەت ، شەھەر ، ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ھەم قەرەلسىز ھالدا نەق پۇل ، ماددىي بۇيۇم ، ‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرى ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا جايلادىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ، مەھەللە ، ئاھالىلەر كومېتىتى قاتارلىق تەشكىلىي ئورۇنلار ئارقىلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ، مېيىپلارغا ياردەم قىلىدۇ .
‹‹ لوقمان ھەكىم ›› ھەرقايسى جايلاردا خەير-ساخاۋەت قىلىش نۇقتىسىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە ساخاۋەتنى ئۈرۈمچىدىن باشلاشنى قارار قىلىپ ، 2014-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ، 120 نەپەر قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 500 يۈەندىن 60 مىڭ يۈەن ، بىر قىسىم سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى .
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جيا رۈيلىن خانىم خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ‹‹2-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە خەير-ساخاۋەتتە ئالاھىدە تۆھپىكار كارخانىچى›› گۇۋاھنامىسىنى تۇرغۇنجانغا تاپشۇرۇپ بەردى .
شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم›› بىيو ــ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى سېتىپ چىقىرىش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئادىلجان سۆز قىلدى
سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتكەن تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، جۇڭگو جۇڭيى پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ، جۇڭگو سەھىيە تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو سۈپەت تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فېڭلۇ ئەپەندىنى شىركەتكە ‹‹جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزا كارخانىسى›› ۋە شىركەت لىدىرى تۇرغۇنجانغا ‹‹جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت كېڭەش ئەزاسى ›› دېگەن گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇپ بەردى
جاڭ فېڭلۇ ئەپەندى سۆز قىلدى
باش لىدىر ياردەمچىسى ، بازار ئېچىش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ئەخمەتجان ‹‹لوقمان ھەكىم›› مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئەھۋالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ساخاۋەتچى ئاتىلار›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان سۆز قىلدى
ئاتاقلىق شائىر، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى، جامائەت ئەربابى ھاجى مۇختار بۇغرا سۆز قىلدى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن سۆز قىلدى
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرى ‹‹شىنفۇلەي›› ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ، باش نازارەتچى جاڭ خەيجۈن سۆز قىلدى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات-تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دولقۇن ئابدۇللا سۆز قىلدى
شىنجاڭ ‹‹لوقمان ھەكىم›› بىيو-پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئايتۇرە خانىم سۆز قىلدى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved