تېڭشۈن ئۇنىۋېرسال خەۋەر تورى 12 -ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ئۇدا نەچچە كۈن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىدە ئېغىر قار ياغدى . بۇ قار كىشلەرگە گۈزەل قار مەنزىرىسى بىلەن قار ئويۇنى بولۇپمۇ قالماي ، ئىگىلىنىشىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى 100 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى قېلىن قار سەۋەبىدىن دەرىس توختاتتى . نۇرغۇن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا قاتناش چەكلەندى . بەرى ئايروپىلان ئىستانسىسى تاقالدى . فۇيۈەن ناھىيەسىدكى قارنىڭ قېلىنىلىقى 70 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى . كىشلەرنىڭ نۇرمال تۇرمۇشىغا دەخلى كۆرسەتتى .
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۈگۈنمۇ خېيلۇڭجياڭنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىدە قار ياغىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
قېلىن قاردىن مۇداپىئەلىنىش قوللانمىسى :
1. ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قار ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش .
2 . قاتناش ، تۆمۈر يول ، توك ، خەۋەرلىرى ئورۇنلىرى چارلاش ۋە ئاسىراش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش .
3 . زۆرۈر بولمىسا سىرتقا چىقماسلىق
4 . ئاسان ئۆرۈلىدىغان مال چارۋا قوتۇنىنى پۇختىلاش .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved