شىنخۇا تورى 12 -ئاينىڭ 1 - كۈنى چاڭچۈندىن بەرگەن تېلىگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، قىش پەسلى يىتىپ كىلىشى بىلەن ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى . ئامراق ماشىنىڭىزمۇ قار يامغۇرنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلدى . مۇشۇ كەسىپتىكى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ماشىنا ئاسىراشتىكى تەكلىپى . دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار بولسا مۇز تۇتۇشقا قارشى شۇ ، ئەينەك شۈيى ، ئاككۇمۇلياتور ، بالون ۋە چىراغ قاتارلىق بەش نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇلار سىزنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .
قىش ۋاقىتىدا چوقۇم قىشلىق مۇزلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس سۈيىنى ئىشلىتىش كېرەك . بولۇپمۇ شىمال تەرەپكى تېمپېراتۇراسى تۆۋەن جايلاردىكىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك . جىلىن ئۆلكىسى ئاپتوموبىل تورىنىڭ مەسئۇلى جاۋخۈي مۇنداق دېدى : “ مۇز تۇتۇش نۇقتىسى قانچە تۆۋەن بولسا مۇز تۇتۇشقا قارشى ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ . ھازىر بازارلاردا مۇز تۇتۇش نۇقتىسى نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان مۇز تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۈيى سېتىلىدۇ . بۇنى تالىغان ۋاقىتتا تۆۋەن تېمپېراتۇراسىدىن 10سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولسا بولىدۇ .
ئون يىللىق ماشىنا ھەيدەش تەجرىبىسگە ئىگە جىلىنلىق ۋاڭ ئۇستام قىش كىرىشى بىلەن ئامراق ماشىنىسنىڭ ئەينەك سۈيىنى ئالماشتۇرۇۋەتتى . ئەينەك سۈيىمۇ قىش يازلىق دەپ ئككىگە بۆلۈنىدۇ . تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بولغاندا قىشلىق ئەينەك سۈيىگە ئالماشتۇرۇش كېرەك ، ياكى ئەسلىدىكى ئەينەك ئازىراق ئىسپىرت قوشىۋەتسەك مۇز تۇتۇشقا قارشى كۈچى ئاشىدۇ .
جاۋخۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : “ ئاككۇمۇلياتور توك بىلەن تەمىنلەش ئۈسكىۈنىسى بولغاچقا تۆۋەن تېمپېراتۇراغا ناھايىتى سەزگۈر كىلىدۇ . ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا بىلەن سېلىشتۇرغاندا توك سىغىمى كىچىكرەك بولىدۇ . شۇڭىلاشقا ماشنا ھەيدىگەندە توك ئىشلەتكۈچى ئەسۋابلارنى ئېچىپ ئۆچۈرۈش قېتىم ساننى ئازلىتىش كېرەك ، ھەم دەل ۋاقىتىدا ئاككۇمۇلياتور ئۈستىدىكى ئوكسىد مادىلارنى تازلاپ ئاككۇمۇلياتورنى ئاسراش كېرەك .
بالون تۆۋەن تېمپېراتۇرادا قاتتىقلىشىپ ئاسان ئۇپىراپ كىتىدۇ . شۇڭا بالونغا بولغان بېسىمنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىرگە يېرىلىش بارمۇ يوقمۇ ۋاقىتىدا تەكشۈرۈپ بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى سۈپۈرۈپ چىقىش . جاۋخۈي دوسىتلارنىڭ قىشلىق بالون ياكى قارلىق بالون ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
مۇشۇ كەسىپتىكى كىشلەر قىش پەسلىدە قار كۆپ ياغىدۇ ، كۆرۈش ئارلىقى بىر قەدەر تۆۋەن ماشىنلارنىڭ چىراغنى توغرا يېقىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم دەپ ئەسكەرتتى . ئۇلار يەنە ئالدى كەينى تۇمان چىرىغىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم دېدى
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved