روسىيە پۇقرالىرى بىت كويىنى سودىسى قىلسا تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

روسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ دۆلەت تەۋەلىكىدە بىت كويىن ئىشلىتىش يېڭى بەلگىلىمىسى تەييارلاۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بىت كويىننى روسىيە تەۋەسىدە ئىشلىتىش چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا قانۇنسىز پۇل، چۈنكى روسىيە  قانۇن تۈزۈپ، پۇقرا ۋە شىركەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى پۇلنىڭ ئورنىنىڭ ئالىدىغان بۇيۇمنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا، بۇ دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى خادىمى بىر قاتار جىنايى ئىشلار قانۇنى تولۇقلىمىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار بىت كويىن ۋە باشقا سىفىرلىق پۇل ئىشلەتكەن روسىيە پۇقرالىرىنى جازالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، بىت كويى سودىسى ياكى بىت كويىن يىغىش بىلەن شۇغۇللانغان روسىيە پۇقرالىرى 500 مىڭ رۇبلى (7100 دوللار) جەرىمانە تۆلەشكە دۇچ كېلىدۇ.

ناۋادا پۇقرالار جەرىمانىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مائاشى ياكى باشقا كىرىمىدىن ھەرئايدا تۇتىۋالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئورنىغا ئالمىشىدىغان ئۇسۇل بولسا تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى. بۇنىڭدىن سىرت، كوللىكتىپ بىت كويىن سودىسى ياكى بىت كويىن يىغىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا 1 مىليون رۇبلى (14200 دوللار) جەرىمانە تۆلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت يەنە بۇ كىشلەرنىڭ ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە مۆھلەتتە جەرىمانىنى تاپشۇرىشىغا يول قويىدۇ، ناۋادا سودىيە زۆرۈر دەپ قارىسا، كوللىكتىپ ئىچىدىكى قىسمەن ئەزالار ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

ئەڭ ئېغىر بولغان جازا پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ئەمەلدارىغا بېرىلىدۇ. ئۇلار دۇچ كېلىدىغان جازا دائىرىسى بولسا 1 مىليون رۇبلىدىن 2.50 مىليون رۇبلىغىچە، ئۇلارنىڭ كىرىمى ياكى مائاشى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ۋاقىتتا تۇتىۋېلىنىدۇ. ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا، ئۇلار يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئىلگىرىكى نۇسخا قانۇندا، ئادەتتىكى روسىيە پۇقراسىنىڭ جازا مۇددىتى ئاران بىر يىل، بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن جازا مۇددىتى ئىككى يىل ئىدى.




خەتكۈچلەر:
14-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-04-2016
يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف فۇررى Kruger دۆلەت باغچىسىدا ساياھەت قىلىش جەريانىدا، ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن بىر مەيدان جەڭنى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن قارىغاندا، بىر چىشى فاكوخېرۇس ياۋا توڭگۇزىنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچ...
12-04-2016
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن كەلگەن مالىيە ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى Erni Wijaya بىر تۈركۈم جانلىق سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر بوغما يىلان بىر چاشقاننى...
12-04-2016
رۇسىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا، بىر ئېيىق ئانا بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بېلىق تۇتقان بولۇپ، ياۋايى ھايۋاناتلار فوتوگرافى Mike Korostelev بۇ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىچىك چاغدا، بىز ئۇلارنى پۇشكىن د...
12-04-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھۆرمەت توپى ساداسى، ياڭراق ناخشا، رەتلىك قوشۇن، سۈرلۈك قىياپەتلەر پارات بىزگە قالدۇرغان تەسىراتتىن ئىبارەت. بۈگۈن بىز فوتوگرافنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، باشقا بىر نۇقتىدىن رۇسىيە غالبىيەت كۈنىنى...
12-04-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھۆرمەت توپى ساداسى، ياڭراق ناخشا، رەتلىك قوشۇن، سۈرلۈك قىياپەتلەر پارات بىزگە قالدۇرغان تەسىراتتىن ئىبارەت. بۈگۈن بىز فوتوگرافنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، باشقا بىر نۇقتىدىن رۇسىيە غالبىيەت كۈنىنى...
12-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستان ماندرا، ھىندىستانلىق ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كارما ئۇسسۇلى (ھىندىستاندىكى داڭلىق يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل) ئويناپ، دۇنيا جېننىس رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلغان.
12-04-2016
خەلقئارادا نېفىت باھاسى سىجىل چۈشۈۋاتقانلىقتىن، مىسىرنىڭ ئىقتىسادى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: قىسقا مۇددەتلىك ئەھۋالدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق؛ ئەمما ئۇنىڭ نېفىت كەسىپ زە...
12-04-2016
ئەنگىلىيەنىڭ نوتتىنگخام ۋىلايىتىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئادەم بىلەن جۇدى سەككىز ئايلىق شېرىن ئاي ساياھىتى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئېستىپا بېرىپ، ئۆيلىرىنى سېتىپ، پۈتۈن يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان ۋە بۇ ساياھەتكە تەخمىنەن 25 مىڭ ف...
12-04-2016
بۇ مەھسۇلات تەبئىي ئۈسۈملۈك جەۋھەرلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ،ئىممىنۇت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەيدىز ۋېرۇسىنى تىزگىنلەيدۇ،ئەيدىز ۋېرۇسىنىڭ بەدەندە داۋاملىق يامراپ كېتىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرىدىكى روھ...
12-04-2016
نۆۋەتتە سۇبارۇ بىر نۇسخا BRZ tS STI نامىدىكى يېڭى ماشىنىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ نۇسخا ماشىنىنى STI بۆلۈمى ياسىغان، گەرچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، ئەمما قىياپىتى ۋە تەگلىكىنى ئازراق دەرىجە ئاشۇرغان. بۇ نۇسخا ماشىن...
Powered by Leglek