ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننى كۆپ ئىشلەتكەندە چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى:

ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەڭ جىق قىلىدىغان كۈندىلىك ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالدى. شىۋىتسارىيەدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىدا دېيىلىشىچە، دائىم ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ئىشلەتكەندە چوڭ مېڭىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش سەزگۈسى قىسمىدا كۈچلۈك «بەلگە» قېلىپ قالىدىكەن.

زۇرىچ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئامېرىكا «ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمى» يىغىنىدا دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئالدىدىكى چوڭ مېڭىگە ئائىت تەتقىقاتلار ئاساسلىق بىر قىسىم مەخسۇس كىشىلەر توپىغا قارتا ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن: ئىسكىرىپكا چالىدىغان سەنئەتكارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بارماقلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان دائىرە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كۈنسىرى ئومۇملىشىشى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بولغان تەسىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى بولغان پۈرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.

تەتقىقاتچىلار 26 نەپەر ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ئىشلەتكۈچى ئابۇنىت ۋە 11 نەپەر ئەنئەنىۋى تېلېفۇن ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ باش بارمىقى، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماقلىرىغا قارتا 1250 قېتىم غىدىقلاش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭە ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەن. ئارقىدىن سىناق نەتىجىسىنى 10 ئىچىدە تېلېفۇن ئىشلەت خاتىرىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل ئېلىپ بارغان.

نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، چوڭ ئېكرانلىق تېلېفۇن ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ئىشلىتىدىغان ئابونتلارنىڭ بەدەن سەزگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مىڭە تىرە ھەرىكىتى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان، ھەمدە بارماقلارنىڭ ھەرىكەت سەزگۈسىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان چوڭ مىڭە قىسمى كۈچىيىپ كەتكەن.

تەتقىقاتقا مەسئۇل كىشى ئارك گاۋىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننى ئىشلىتىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ چوڭ مېڭىنىڭ بەدەن سەزگۈسىنى باشقۇرىدىغان چوڭ مىڭە تىرە قىسىمىنىڭ ھەرىكىتىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇنداق كۆپ بولغان سېزىم ھەرىكىتى ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ مېڭىنىڭ بارماقلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ چوڭ مىڭە تىرە قىسىمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى رەقەملىك تېخنىكا تەرىپىدىن داۋاملىق ئۆزگەرتىلىپ ماڭماقتا.

ئۇنداقتا بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئىنسانلارغا نىسبەتەن پايدىسى بارمۇ ياكى زىيىنىمۇ؟ گاۋىس مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا نىسبەتەن يامان خەۋەرلەرمۇ ئاز ئەمەس، مەسىلەن بەزى ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇننى زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندە بەلكىم ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ھەمدە ئاستا خاراكتېرلىك ئاغرىق قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننى كۆپ ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ ئەستە تۇرۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدىكەن



خەتكۈچلەر:
07-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
03-02-2016
     باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مېھىر–مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.    مېھىر–مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ساپ ئەقى...
Powered by Leglek