جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
ياپونىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردەمچى باشلىقى 23-مارت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا، 2017-يىل 1-ئايدا يېڭى تىپتىكى كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانF-35نى ياپونىيەنىڭ ياماگۇچى ناھىيەسى يىۋاكۇنى شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يىۋاكۇنى بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ياپونىيە مېدىيالىرىنىڭ دېيىشىچە، يىۋاكۇنى بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈرەشچى ئايروپىلان F-35 ۋېرىتىكال قوزغىلىپ ھەم قونالايدىغان، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق دېسانتى تىپىدا ئىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، مەزكۇر كۈرەشچى ئايروپىلان ھەربىي پاراخوتتا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان مۇشۇ تىپتىكى تۇنجى ئايروپىلانى بولۇپ قالىدۇ.
دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردەمچى باشلىقىنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا تاپشۇرغان يازمىچە گۇۋاھلىق سۆزىدە دېيىشىچە، ياپونىيەدە قوراشتۇرۇشقا باشلىغان ئاۋىئاتسىيە مۇداپىئە قىسىمى F-35 كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئىشلىتىپ، 11-ئايدا قوراشتۇرۇشنى تامالايدىكەن، ھەمدە سىرتقا ئاشكارىلايدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved