ئادەتتە توختىماي ئىچى سۈرگەن، يەنى چوڭ تەرىتى قان، يىرىڭ ئارىلىشىپ كەلگەن ئاغرىقلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:
1. ئالمىنى ئاقلاپ يانجىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
2. ئۇچقات، جۇخار گۈلىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام، چۈچۈكبۇيادىن ئالتە گرام، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. خام سامساقنى ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ، تاماق ۋاقتىدا كۈنىگە 2–3 تال ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
4. سېمىز ئوتتىن 10 گرام، سىپارىدىن 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىچى سۈرۈپ ئۇزۇنغىچە توختىمىغان ياكى ئارىلاپ توختاپ، ئارىلاپ سۈرىدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.
1. كۈنىگە 3–4 قۇتا قېتىق ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قىزىل ماش، پىچەكگۈلنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گرام، قىسقا غوللۇق شال گۈرۈچىدىن 60 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
3. چوڭ تاپان بېلىقنىڭ قاسرىقىنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلىۋېتىپ يالپاقلاپ، مۇچتىن ئۈچ گرام، غولپىيازدىن ئۈچ توغرام سېلىپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
4. سۇ لەيلىسى ئۇرۇقىدىن 15 گرام، قانتېپەردىن 12 گرام، بايناقتىن توققۇز گرام، ئاق يېسسۇمۇقتىن 12 گرام، قوناق مېغىزىدىن 12 گرام ئېلىپ قاينىتىپ كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئېچىپ بەرسە تولغاق كېسەللىكىگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved