ئابې شىنزۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىشىدىكى 4 مەقسىتى

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 21-نويابىر كابىنېت قارارى شەكلى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنى رەسمىي تارقىتىۋېتىپ، 14-دېكابىر مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ ئىشقا گەرچە ئىستېمال بېجىنى ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق قارارلارنى يۈزەكى بانا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ كەينىدە نۇرغۇن مەقسەتلىرى بار.

 


1-، كابىنېتنى قايتا تەشكىللەشتىكى مەغلۇپ بولۇش سايىسىدىن قۇتۇلۇش. 9-ئايدا ئۇ كابىنېت تەشكىللەپ ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاشنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بەش ئايال ۋەزىرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. لېكىن بىر ئايدىن كېيىن ئىقتىساد كەسپى ۋەزىرى بىلەن قانۇن ئىشلىرى ۋەزىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئايال ۋەزىردىن سىياسىي مەبلەغ سەتچىلىكى كېلىپ چىقىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. بۇ ئابې شىنزۇ كابىنېتىغا خېلى زور زەربە بولدى. ئاندىن كېيىن، ئابې كابىنېتىدا كەينى-كەينىدىن يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، سۇ كەسپى ۋەزىرى، مۇداپىئە ۋەزىرى، مۇھىت ۋەزىرى قاتارلىقلار مەبلەغ مەسىلىسى بار دەپ ئەيىبلەندى. بۇ سەتچىلىكلەر داۋاملىق ئەۋج ئېلىپ يەنە بىر قېتىم ۋەزىرلەر ئىستىپا بېرىش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى. ئابې شىنزۇ ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.


2-، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپنى ئازايتىش. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 2012-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن نىسبىي مۇقىم مەزگىلگە كىردى، لېكىن ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلانغاندىن كېيىن سالاھىيەت ئۆزگىرىشى بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەت كۈرۈشىمۇ كەسكىن بولدى. ئەمەلىيەتتە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەش بۇ قېتىمقى ياپونىيەنىڭ سىياسىي قارىت ئارىلاشتۇرۇشتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەب . ئابې يېڭى كابىنېتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرىدىكى سەتچىلىك بۇ قېتىمقى كۈرەشنىڭ تاشقى ئىپادىسى.


3- ئىقتىسادى ۋەزىيەت كۆرسەتكۈچىنى ياخشىلاش. ئابې شىنزۇ ئىقتىسادشۇناسلىقى ئوتتۇرغا چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مىقدارنى قويۇۋېتىش ۋە مالىيەنى قوزغىتىش ئارقىلىق، بەزى ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچلەر ياخشىلاندى. لېكىن بۇنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئۇزۇنغا بارمىدى. بۇ يىل 2-پەسىلدىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى. 3-پەسىلدە ئېشىش نىسبىتى يىللىق ئوتتۇرىچە قىممەت بويىچە ھېسابلىغاندا %1.6 مەنپىي ئاشتى. ئەگەر بۇ ۋەزىيەت داۋاملاشسا، مەيلى كېلەر يىلى 4-ئايدىكى بىرلىككە كەلگەن يەرلىك سايلامدا بولسۇن، ياكى 9-ئايدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىر سايلىمىدا بولغان، ئابې شىنزۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ.

 

ئابې شىنزۇ باجنى ئۆستۈرۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ئەلنىڭ رايىغا بېقىش نامى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە زور كۆلەملىك تولۇقلىما خامچوت لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ تەدبىرلەر ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مىقدارنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش سىياسىتى بىلەن ماس كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تومىنى ئېچىپ سۇ قويۇپ بېرىش شەكلى بىلەن ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بۇ تەدبىر قىسقا مەزگىلدە ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارنى ياخشىلايدۇ، لېكىن ئاخىرىدا ياپونىيەنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا ياپونىيە يىنىنىڭ يەنىمۇ كۇرسى چۈشۈشى بىلەن ئىمپورت تەننەرخى ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.


4-، ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش. ئابې شىنزۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋەتتى، بۇنىڭدا كونكرېت سىياسىي غەرەز بولغاندىن باشقا، يەنە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەقسىتىمۇ بار. جېدەل تېرىش ئابېى شىنزۇنىڭ سىياسىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن بەلگىلەش مەسىلىسى. ھالبۇكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنى بىر ئىككى يىلدا تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ياپونىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، يېڭى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2018-يىلى 12-ئايغىچە بولىدۇ. ئەگەر ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بۇ يىل 12-ئايدىكى چوڭ سايلامغا غەلىبە قىلسا ئابې شىنزۇ كېلەر يىلىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىر سايلىمىدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2018-يىلى 9-ئايغىچە بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ ئۈچ، تۆت يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋاقتىنى تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەرگە سەرپ قىلىدۇ.


ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئابې كابىنېتى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى قوللاش نىسبىتى بىلەن 12-ئايدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىدا گەپ يوق. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ- ئەگەر ئابې شىنزۇ يېڭى كابىنېت تەشكىللەش داۋامىدا مەنپەئەتنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلالمىسا، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشى تەس، ياپونىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇشى مۇمكىن.


ئەگەر ئابې شىنزۇ كېيىنكى سىياسىي داۋالغۇشقا يولۇقسا، ئۇ ئاممىنىڭ قوللاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تاشقى سىياسەت جەھەتتە يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەرىپىنى تەكىتلەپ، جۇڭگو، كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئابېنىڭ ئىچكى سىياسەتتە ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈش قورالىغا ئايلاندۇرۇش ئايلاندۇرالماسلىقى چەتئەللەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

 



خەتكۈچلەر:
24-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
Powered by Leglek