شىنخۇا تورنىڭ 5-ئاينىڭ14-كۈنى قاھىرەدىن بەرگەن تېلگىراممىسى ،مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئوتتۇرا شەرىق ئاگېنىتلىقدا خەۋەر قىلنىشچە،مىسىر ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى 14-چېسلا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى مۇھەممەد مەھدى ئاكۇفنىڭ تەپتىشنى كۆزگە ئىلمىغانلىق جىنايىتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دىگەن.
تەكشۈرگۈچى تەرەپنىڭ ئەيىبلىشچە،مىسىرنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق پىرىزدېنتى مۇرسى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى ئىچىدە ئاكۇف ئىلگىرى كۈۋەيتتىكى بىر گېزىتنىڭ زىيارىتنى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ ‹‹تەپتىش تارماقلىرى يۇمشاپ سىياسىيلىشىپ كەتتى ›› دىگەندەك گەپ -سۆزلەرنى قىلغان ئىكەن.
بۇندىن باشقا ئۇنىڭ قوللىشى ئاستىدا سوتچىنىڭ پىنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەڭشەش ھەركىتى نەچچە مىڭلىغان سوتچىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش خەۋپىگە دۇچ كېلشىگە سەۋەب بولغان . شۇ تۈپەيلى تەكشۈرگۈچى تەرەپنىڭ قارشىچە بۇ خىلدىكى گەپ سۆزلەر ئاللىقاچان تەپتىشنى كۆزگە ئىلماسلىق جىنايىتى بۇلۇپ ھېسابلىندىكەن.
ئاكۇف شۇ كۈنىلا سوتقا چىقىپ ئۆزىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئۇ خىلدىكى گەپ سۆزلەرنى قىلىپ باققانلقنى ئىنكار قىلغان،ئۇنىڭ دىيشىچە،مەزكۇر گېزىت ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپلا ھېلقى خەۋەرنى ئېلان قىلغان.
ھازىر 88 ياشقا كىرگەن ئاكۇف مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق تەدبىر تۈزۈش ئورگىنى قوماندانلىق ئىدارىسنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق رەئىسى، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن ئاللىقاچان قولغا ئېلنىپ سوتقا تارتىلۋاتقان مۇھەممەد بادىيا ئۇنىڭ كەينىدىن رەئىسلىككە سايلانغان ئىدى.
تەپتىشنى كۆزگە ئىلماسلىق جىنايىتىدىن باشقا ئاكۇف يەنە جاسوسلۇق ۋە سۈيقەسىت قىلىپ نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيبىلىنىشكە ئۇچراش ئالدىدا تۇرماقتا.
بۇيىل 3-ئايدىن باشلاپ .مىسىر مىڭيا ، غەليوب قاتارلىق ئۆلكىلىردە سوت مەھكىمىللىرى ئارقا-ئارقىدىن نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرنى سوتقا تارتىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى مۇھەممەد بادىيامۇ بار .
بۇلتۇر 7-ئايدا مىسىر تەخىتتىن چۈشكەندىن بۇيان ئۇ تەۋە بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى توختىماي نامايىش قىلىپ نارازلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن.
ساقچى تەرەپ قۇترىتشقا چېتىشلىق زوراۋانچى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى چوڭ كۆلەملىك تۇتقان.بۇلتۇر 12-ئاينىڭ25-كۈنى مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى مۇرسىنى تېرورلۇق گوروھىنىڭ ئەزاسى قىلىپ بىكىتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved