ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 19-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا توردىكى نامى ‹‹ تېھراندىكى بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى›› بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورى-Instagram كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ توردا ئىراندىكى باي ياشلارنىڭ ئېسىل پىكاپ ، ئېسىل تۇرالغۇ ئۆي، شەخسىي ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقىي تۇرمۇشى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىنغان. لېكىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىنغان رەسىملەرنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلىپ، بۇ رەسىملەرنى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن.
بۇ تورغا چىقىرىلغان بىر سۈرەتتە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن بىر ساھىبجامال قىز ھەشەمەتلىك شەخسىي سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە چىلىم چەككەن ھالدا راھەت سۈرۈپ ياتقان، ئۇنىڭدىن باشقا رەسىملەردە يەنە مۇراسىم كىيىمى كىيگەن كىشىلەرنىڭ قىممىتى نەچچە مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئېسىل پىكاپدا ئولتۇرۇپ خاتىرە رەسىمگە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يەنە بەزى رەسىملەردە قولىغا قىممەت باھالىق لاۋرىنىس قول سائىتى تاقىغان، شۇنداقلا يەنە ئالتۇن يالىتىلغان قارا بۆلجۈرگەن يانفونى تۇتقان ياشلارنىڭ ئاجايىپ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى كۆرسىتىلگەن.
بۇ تور داڭلىق Rich Kids Of Instagram تورىدىن ئىلھام ئالغان بولۇپ، Rich Kids Of Instagram مۇ ئىلگىرى ياۋروپا-ئامېرىكىلاردىكى كاتتا باي ياشلارنىڭ ھەشەمەتلىك، ئېسىل تۇرمۇشلىرىنى كۆز-كۆز قىلغانىدى. لېكىن ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ مۇخبىرى توردىكى نامى ‹‹ تېھراندىكى بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى ›› بولغان ئىجتىمائىي تور ئىگىسى بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغاندا ، قارشى تەرەپ ئۇچرىشىشنى رەت قىلغان ، شۇنداقلا يەنە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنىمۇ رەت قىلغان.
بۇ تور ئىگىسى مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ بۇ رەسىملىرىمىز ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى غۇلغۇلىلار ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە پەقەت ئامېرىكا كىنولىرىدىلا ئىراننىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيتتى، لېكىن بىز ئېلان قىلغان بۇ رەسىملەر ئۇلارنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇردى .
1979-يىلى ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابتىن كېيىن، ئىراندىكى ئىسلام قانۇنىدا ئاياللارنىڭ چوقۇم بېشىغا چۈمبەل يېپىپ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ يۈرۈشى بەلگىلەنگەن، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭمۇ بىر قەدەر مۇتەئەسسىپرەك كىيىنىشى تەلەپ قىلىنغان ھەم ھاراق ئىچىشى قەتئىي چەكلەنگەن. لېكىن ‹‹ تېھراندىكى بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى ››ناملىق بۇ تور بەتتە ئاشكارىلانغان رەسىملەردە ئىراندىكى ياش قىز-ئوغۇللار ناھايىتى باياشات ھەم ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى، لەمبورگىنى، ماسرات، فارارى، ئاستون مارتىن، ئاۋدى ۋە بېنىز قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ، نەچچە مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئېسىل پىكاپلار كۆرسىتىلگەن . شۇنداقلا يەنە ئىراندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى باي ياشلارنىڭ گولف توپ ئويناش، قار تېيىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيلىرىگە بېرىش، ئات مۇسابىقە مەيدانىغا بېرىش ، شۇنداقلا مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ھەشەمەتلىك تۇرمۇشلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن.
‹‹ تېھراندىكى بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى ›› ناملىق تور بەتنىڭ ئىگىسى يەنە ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ تەنقىد-پىكىرلىرىگە رەددىيە بېرىپ : ئۇلار ئىران ياشلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا ھەسەت قىلىشىۋاتىدۇ ، بىز پەقەت ئىران دۆلىتىنىڭ ئاكتىپ ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرەتلەرنى تارقاتتۇق خالاس . ئىران ئەمەلىيەتتە ناھايىتى دوستانە بىر دۆلەت، گەرچە غەربتىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىرانغا ‹‹ قەبىھ ۋە ئوق مەركىزى ››دېگەندەك بەتناملارنى چاپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئىرانلىقلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ئۇلار دېگەندەك ئۇنچىۋالا قالاق ئەمەس ، دېگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved