ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ 10-چېسلادىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ،9-چېسلا ،بىر قىسىم سودىگەرلەر ئەنگىلىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى شەھرى بۇلىستور نىڭ كۇچىسىدا تانكا ھەيدەپ ھۆكىمەتنىڭ ئىجرا قىلنىش ئالدىدا تۇرغان ماشىنا توختىتۇش ھەققى يىغىش پىلانىغا قارشى تۇرغان ،ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ پىلان ئۇلارنىڭ تىجارىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئەنگىلىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە.بۇلستۇر شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى جورجى فېكسېن كەلگۈسى 18ئايدا پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە ئاھالىلىەر ماشىنا توختىتۇش مەيدانى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ھەمدە ئالاقىدار پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ پىلانغا ئاساسلانغاندا ،مەزكۇر رايوندىكى ئاھالىلەر يىلىغا 48 فوندىسىتېرلىڭدىن 96 فوندىسىتېرلىڭغىچە ھەق تاپشۇرسا ئاندىن ماشىنا توختىتۇش ئىجازىتىگە ئېرشەلەيدىكەن،ھەتتا بەزى رايون بۆلەكلەردە ئەڭ ئۇزۇن ماشىنا توختىتۇش ۋاقتى ئارانلا بىر سائەت بۇلىدىكەن.
بۇ پىلانغا قاتتىق نارازى بولغان تونى مەيرېس بىر شىركەتتىن 1942-يىلى ئىشلەپ چىقىرىلغان ‹‹شېرمەن›› تانكىسىنى ئىجارە ئېلىپ ،9-چېسلا بۇلستۇر شەھرىنىڭ كېلىفتۇن كوچىسىغا ھەيدەپ كىرگەن .تانكىنىڭ توپ ستۋولىغا بولسا ‹‹كىلفتۇن كەنتى سودىگەرلىرى ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ›› دىگەن نارازلىق پىلاكاتى ئېسىلغان.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ، تانكا ھەيدىگۈچىنىڭ پىراۋا ۋە سۇغىرتا كىنىشكىسى تۇلۇق بولسىلا كۇچىدا تانكا ھەيدەش قانۇنلىق ئىكەن .
مەيرىسنىڭ دىيىشىچە ،بۇ نارازىلىق ھەركىتى ھىرگىزمۇ كىچىك بالا بىلەن چاقچاق قىلغانغا ئوخشاش ئىش ئەمەس بۇلۇپ ،ئۇلار بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كەسكىن مەسىلىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان . ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن:‹‹ بىزنىڭ تانكىنى تاللىشمىزدىكى سەۋەب ،تانكا كۈچ- قۇدرەت ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەتەن تۇپرىقىنى قوغداش ۋاستىسىنىڭ سېمۋولى››
شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇخىل قىلمىشىغا قارىتا ،شەھەر باشلىقى فېكسېن ئۆزىنىڭ tiwitterدىكى مىكرو بىلوگىدا سۆز قالدۇرۇپ :‹‹ ئىشلار بىمەنىلىككە قاراپ ئۆزگىرۋاتىدۇ ›› دىگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى ــــــــ LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved