شىنخۇا تورى 21-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن رومانگۈل تەرجىمىسى)
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 20- مارت كۇباغا يېتىپ بېرىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى تورىنىڭ 21- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما يېقىنقى 90 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بولۇپ كۇباغا زىيارەتكە بارغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھېسابلىنىدىكەن. زىيارەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئوباما كۇبا خەلقى ئالدىدا سۆز قىلىدۇ ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاق ساراي: پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ كۇبادىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى، شۇنداقلا 22-مارت سۆزلەيدىغان تېلىۋېزىيە ئۇلاپ كۆرسىتىلىدىغان نۇتىقى بۇرۇنقى سوغۇق سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى قىلغان ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە بىر خىل مۇناسىۋىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ سەككىز ئاي بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتتى.
پىرېزدېنت ئوباما كۇباغا زىيارەتكە بېرىشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن:« دىپلوماتىيە — بۇرۇنقى مەغلۇب بولغان سىياسەتلەرنى بۆسۈپ تاشلايدىغان قەيسەرلىك ۋە كۇبا خەلقى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى باشلايدىغان يېڭى بىر سەھىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.
ئوباما كۇبا بىلەن يېڭى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىكى مۇھىم تاشقى سىياسەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى قاتارىغا كىرگۈزدى ھەم نەچچە ئون يىللىق كۇبانى يالغۇز قويۇش سىياسىتىنى ئاللىبۇرۇن مەغلۇب بولدى دەپ قارىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved