رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-فېۋرال رۇسىيەنىڭ قارار دېڭىزدىكى شەھىرى سوچىدا، رۇسىيەنىڭ يەككە قۇتۇپلۇق دۇنياغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق دۆلەتنى دۈشمەن دەپ قارىماستىن، ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن مۇنداق دېدى: بىر قىسىم دۆلەتلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ تەرققىياتىنى چەكلىمەكتە، رۇسىيە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن بىر مۇستەقىل چوڭ دۇنيا قېلىپىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەمدە باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ، رۇسىيە بۇنداق يەككە قۇتۇپلۇق دۇنياغا قارشى تۇرىدۇ.
پۇتىن مۇنداق دېدى: جازالاش تەدبىرى رۇسىيەگە مەلۇم زىيانلار ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيەدەك بۇنداق دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۈنۈم بەرمەستىن ئۇنىڭ ئەكسىچە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشنى ئۆستۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved