يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، گوللاندىيەدە بەش دانە يوغان باشلىق كىت تېسىل ئارىلىدا لەيلەپ ئۆلۈپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان. شۇنىڭ بىلەن مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كىتنىڭ قورسىقىنى يېرىپ تەكشۈرگەن ۋە تەتقىق قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەش دانە يوغان باشلىق كىت دېڭىز ساھلىدا لەيلەپ قالغاندا ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغانلىقتىن، ھايات قېلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. كىشىلەر گەرچە كۈچىنىڭ بارىچە قۇتقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن ھاۋا رايى سەۋەبىدىن، ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولماي قالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ يوغان باشلىق كىتلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بىر كىتنىڭ قورسىقىنى يارغان،
كىتنىڭ قېنى ۋە بەدىنىدىكى ئەزالار دېڭىز ساھىلىنى بىر قاپلىغان بولۇپ، پۈتۈن مەيدان قارىماققا ئىنتايىن قانلىق كۆرۈنگەن. چوڭ باشلىق كىتلار چىشلىق كىتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرى بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 50 توننا كېلىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved