ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ پاھىشىۋازلىق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، تونۇشتۇرۇش ۋە قىزلارنى گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارغا بېرىپ ئىپپىتىنى سېتىشقا تەشكىللەپ نەپ ئېلىش جىنايىتىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. 19-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، خەيجۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ پاھىشىۋازلىق قىلىشقا چاقىرىش شايكىسىغا جازا ھۆكۈم ئېلان قىلغان، ‹‹90-يىللار››دىن كېيىن تۇغۇلغان كاتتىباش تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ شايكىنىڭ توردا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىدىغان ‹‹ساھىبجامال››لارنىڭ ھەممىسى ئەر كىشى ئىكەن.
جۇخەي سوت مەھكىمىسى توردا پاھىشىۋازلىققا چاقىرىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولۇپ، دېلودىكى نۇرغۇن ئەر ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ توردا ‹‹مېھمان كۈتكەن››. ئىگىلىنىشىچە، بۇ شايكىدىكى 19 نەپەر جاۋابكارنىڭ ئىچىدە 11 ى ‹‹90 يىللار››دىن كېيىن تۇغۇلغانلار بولۇپ، ئۈچەيلەن ئىپپىتىنى سېتىشقا تەشكىللىگەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇنەن، خۇبېيدىن گۇاڭجۇغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن، ئاساسەن ساۋاقداشلار ئىكەن. ئاغزاكىي ئىقرارغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇرۇس كەسپى بولۇپ، تاكسى شوپۇرلىرى، ئاشپەز قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئىپپىتىنى سېتىش شايكىسى بولۇپ، مەخسۇس ئادەم توردا پاھىشىۋازلىق ئۇچۇرى تارقىتىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكى، بەزىلەرنىڭ توردا خېرىدار جەلپ قىلىدىغانلىقى، يەنە بەزىلەرنىڭ مەخسۇس قىزلار مېھمان كۈتۈۋاتقاندا كۆز-قۇلاق بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. 19 كىشى بۇ شايكىدا ئوخشىمىغان روللارنى ئالىدىغان بولۇپ، ئۈچ تەشكىللىگۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان ساندىكى ئىپپىتىنى ساتىدىغان قىزلارنى كونترول قىلىدىكەن. شايكىدىكى ئايى، ئاجىڭ قاتارلىقلار مەخسۇس توردا پاھىشىۋازلىق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، خېرىدار جەلپ قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن. ئۇلار توردىن چىرايلىق قىزلارنىڭ سۈرەتلىرىنى چۈشۈرۈپ باش سۈرەت قىلىپ، پاھىشىۋاز خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدىكەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ قىزلارنى باش سۈرەت قىلىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەر بولۇپ، سودا ئۇتۇقلۇق بولسىلا، بىر نەچچەيلەن ئىپپىتىنى ساتىدىغان قىزلارنى شەھەردىكى مېھمانخانىغا بېرىپ ئىپپىتىنى سېتىشقا تەشكىللەيدىكەن ھەمدە ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرىدىكەن، يەنە ئارىدىن ‹‹ئويناش ھەققى›› ئالىدىكەن.
ئۈچ نەپەر تەشكىللىگۈچىنىڭ بىرى 2008-يىلى 4-ئايدا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقتىن، بەييۈن سوت مەھكىمىسى تۆت يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن، 2011-يىلى 1-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ قويۇپ بېرىلىپ بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يەنە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قولغا چۈشكەن. سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ، مۇددەتلىق يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. باشقا ئىككى تەشكىللىگۈچىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش يىل ئالتە ئايلىق ۋە ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved