توردىكى رۇخسەتسىز ئېلان قىلىنغان ناخشىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى

        نۇرغۇنلىغان ناخشىلارنىڭ توردا كەڭ تارقىلىشى بىلەن دۆلىتىمىز كىشىلىرى ئەركىن ھالدا توردىن ناخشا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، خالىغانچە چۈشۈرەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە بولدى. ھەر قايسى چوڭ كىچىك توربەتلەر شۇنىڭدەك ھەر خىل يانفون ئەپلىرىدىنمۇ ھەر خىل سۈپەتتىكى ناخشىلارنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ، ھەتتا ئابۇنتلار ئۆزىمۇ ناخشا يوللىيالايدۇ.

       لېكىن بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىكى تور مۇزىكا ساھەسىدە ئاز-تولا كەينىگە چېكىنىش يۈز بەردى، قانۇنسىز نەشردىكى ناخشىلارنى رەتلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي نەشر قىلىنمىغان ناخشىلار توردىن غايىب بولدى.


                       4A مۇزىكا كارخانىلىرى يىغىلىشى

      قارىغاندا ئەمدى ناخشى مۇزىكىلارنى ھەقسىز چۈشۈرۈش سەل تەسكە توختايدىغاندەك قىلاتتى.

     بۇ يىل 7-ئايدا، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى توردىكى قانۇنسىز نەشر قىلىنغان ناخشىلارنى رەتلەش، تازىلاش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە 31-چېسلادىن بۇرۇن قانۇنسىز نەشر قىلىنغان ناخشىلارنى توردىن تازىلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. يولغا قويۇلغان بۇ نىزامغا ئاساسەن 16 مۇزىكا سۇپىسى 2 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز نەشرىدىكى ناخشىلارنى توردىن ئۆچۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى مۇزىكا سۇپىلىرى ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆزىنىڭ مۇزىكا ساندانىنى تەكشۈرۈپ تازىلايدىغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تازىلاش مۇددىتى قىلىپ بېكىتىپ كەڭ كۆلەمدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ناخشىلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ تازىلاش ئېلىپ باردى.

      شۇنىڭدىن كېيىن كۇگوۋ مۇزىكا مۇلازىمىتى، كۇۋو مۇزىكا مۇلازىمىتى، كىيۇ كىيۇ مۇزىكا مۇلازىمىتى، شىيامى مۇزىكا مۇلازىمىتى، تيەن تيەن دوڭ تىڭ، ۋاڭيى قاتارلىق مۇزىكا مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى مۇشۇ خىلدىكى مۇزىكىلارنى تازىلىدى. گەرچە بۇ ئىش نۇرغۇنلىغان مۇزىكا مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى قوللىغۇچىلار ھەق تۆلەپ ناخشا ئاڭلىغاندىلا ئاندىن ناخشىنىڭ قىممىتى بولىدۇ ھەمدە ناخشىچىنى ھۆرمەتلىگەن بولىدۇ دېيىشتى.

     مۇخبىر يەنە مۇشۇ ئىش توغرىلىق مۇزىكا ساھەسىدىكى A4 كارخانىلار مەسئۇللىرىدىن يەرشارى مۇزىكا مۇلازىمىتى پىلان تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باش مۇدىرى Andrew Chan، خۇانا مۇزىكا مۇلازىمىتى ئاسىيا شۆبە پونكىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش دىرېكتورى Andy Ma، سونىي مۇزىكا مۇلازىمىتى ئاسىيا بازار پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى Ariel Fung، تېڭشۈن رەقەملىك مۇزىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Andyng قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى. بۇ تۆت چوڭ شىركەتنىڭ توردا تارقىلىۋاتقان قانۇنسىز نەشرىدىكى ناخشىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى توردىكى ناخشىلارنى پۇل تۆلەپ ئاڭلاش كېرەك دەپ قارايدىكەن.  

     ناخشى مۇزىكىلار تور بەتلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا رۇخسەتسىزلا تارقىلىپ كېتىشنى تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ A 4 مۇزىكا بىرلەشمىسى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن. ئالدىنقى مەزگىللەردىكى رۇخسەتسىز تارقىتىۋېتىلگەن ناخشىلارنىڭ توردىن يۇيۇلۇشى توغرىسىدا Ariel Fung مۇنداق باھا بەردى، «بىز ھازىر ناھايىتى خۇشال، چۈنكى ھۆكۈمەت زور كۈچ بىلەن ھەقىقىي نەشرىدىكى ناخشى مۇزىكىلارنى قوللىماقتا. شۇڭا بىزنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ زورايدى».

Andy Ma زىيارەت جەريانىدا كۆپ قېتىم قانۇنسىز نەشرىدىكى رۇخسەتسىز تارقىتىلغان ناخشىلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىقتىسادىي زىيان ئەكەلگەنلىكىنى بولۇپمۇ بىر قىسىم مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇزىكانتلارغا نىسبەتەن زىيىنىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە بىز نۇرغۇنلىغان ناخشىچىلارنىڭ ناخشىسنى بىكارغا ئاڭلاۋېرىپ ئۇلارغا ھېچقانداق ھەق بەرمىسەك ئۇلار بۇندىن كېيىن قانداقمۇ تەرەققىي قىلالايدۇ دەيدۇ يەنە بىر قېتىملىق زىيارەتتە دومى مۇزىكا مۇلازىمىتىنىڭ  

CEO سى جوماسو نىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قارىشى Andyng نىڭكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن QQ مۇزىكا مۇلازىمىتىنىڭ نۇرغۇن ناخشىلارنى توردىن تازلىغانلىقى دومىي مۇزىكا مۇلازىمىتىگە تەسىر قىلامدۇ يوق دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: تەسىر قىلىشى تۇرغانلا گەپ، لېكىن بۇنى پۈتۈنلەي QQ مۇزىكا مۇلازىمىتىدىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ، گەرچە بىزمۇ كۈچ ئاجرىتىپ رۇخسەتسىز ئېلان قىلىنغان كۆپ قىسىم ناخشىلارنى تازىلاپ نۇرغۇنلىغان ئابونتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولساقمۇ، لېكىن بىزمۇ كۈچ چىقىرىپ ھەقىقىي نەشرىدىكى ناخشىلارنى قوللىشىمىز زۆرۈردۇر. بۇ سەنئەتكارلىرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىز شۇنداقلا قوللىشىمىز».

گەرچە نۇرغۇن تورداشلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەركىن ھالەتتە چۈشۈرەلمىگەنلىكىدىن زارلىنىشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ سەنئەتكارلارنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ تۈزۈمنىڭ ئىنتايىن توغرا چىقىرىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. قارىغاندا بۇندىن كېيىن ناخشىلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئەركىن ھالدا ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن ئىشىنىمىزكى پەقەت مۇشۇنداق ھەرىكەت ئارقىلىقلا سەنئەتكارلىرىمىزنى تېخىمۇ قوللىيالايمىز شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشالايمىز.



خەتكۈچلەر:
12-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
Powered by Leglek