خېنەندىكى كەنتتە يېڭىلا ياسالغان ماۋ زېدۇڭنىڭ غايەت زور ھەيكىلى چېقىۋېتىلدى

     يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خېنەن ئۆلكىسى كەيفىڭ شەھىرى تۇڭشۈ ناھىيەسى سۈنيىڭ يېزىسى جۇشىگاڭ كەنتىدە، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرى مەبلەغ توپلاپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ 36 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن رەڭلىك غايەت زور ھەيكىلىنى ياسىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى: «بۇ ھەيكەل رويخەتكە ئېلىنمىغان ھەم تەكشۈرۈپ تەستىقلانمىغان» دېگەن، ھازىر بۇ ھەيكەل ئاللىبۇرۇن چېقىۋېتىلگەن.    خەۋەر قىلىنىشىچە، ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ غايەت زور ھەيكىلى توڭشۈ ناھىيەسى سۈنيىڭ يېزىسى جۇشىگاڭ كەنتىنىڭ غەربىي شىمال بۈرجىكىگە جايلاشقان. ھەيكەل شىمالدىن جەنۇبقا يۆنىلىشتە ئولتۇرغۇزۇلغان بولۇپ، پولات چىۋىق ۋە بېتوندىن ياسالغان. سىرتقى يۈزى ئالتۇن رەڭلىك سىرلانغان ئىكەن. ھەيكەلنىڭ لايىھەدىكى ئېگىزلىكى 36.6 مېتىر بولۇپ، بىر نەچچە نەپەر كارخانىچى مەبلەغ سېلىپ ياساتقانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقىسىم مەبلەغنى كەنتتىكى ئاھالىلەر ئىئانە قىلغان بولۇپ، ئىئانە قىلغان پۇل نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، ھەيكەلنىڭ ئومۇمىي پۈتۈش قىممىتى ئۈچ مىليون يۈەنگە يېقىن بولغان.

      1-ئاينىڭ 7–كۈنى، مۇخبىر ھەيكەلنى ياساش ئىشى توغرىسىدا توڭشۈ ناھىيەسى سۈنيىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغان. يېزىلىق  ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى لى فامىلىلىك خىزمەتچىنىڭ دېيىشىچە: «بۇ ھەيكەل ياسالغان ئورۇن مەزكۇر كەنتنىڭ نىسبەتەن چېتىدىكى ئۈنۈمسىز يەر، تېرىلغۇ يەر ئەمەس. بۇ ھەيكەلنى جۇشىگاڭ كەنتىدىكى بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى مەبلەغ سېلىپ ياسىغان بولۇپ، ھېچقانداق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باسقۇچىدىن ئۆتمىگەن».  

       يېزىدا ھەيكەل ياسىسا شەھەردىكىگە ئوخشاش، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەكمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا توڭشۈ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىم: «جۇشىگاڭ كەنتىدىكى ھەيكەل ياسالغان ئورۇن ساياھەت ياكى مەدەنىيەت رايونى ئەمەس، ھەيكەلنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا دوكلات قىلىپ، تەستىقلاتمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن. شۇ يەرلىك باغ-ئورمان تارماقلىرىمۇ: «بىز پەقەت شەھەر-بازارلاردىكى ھەيكەللەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل، يېزىدىكىنى باشقۇرمايمىز» دېگەن.    

      1-ئاينىڭ 8 –كۈنى، توڭشۈ ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچى خادىم خەلق تورى مۇخبىرىغا: «بۇ ھەيكەل ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلدى، لېكىن نېمە سەۋەبتىن چېقىۋېتىلدى، ئۇلارمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ» دېگەن.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek