رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى GPSسىستېمىسنى توختىتىۋەتمەكچى

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

14-ماي رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى موسكۋادا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ‹رۇسىيىنىڭ گىروناز ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبا يول باشلاش سىستېمىسىغا ئامېرىكىدا بېكەت تەسىس قىلىش سۆھبىتىدە ،ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاچقا ،رۇسىيە 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ،ئامېرىكىنىڭ GPSسۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سېستېمىسىنىڭ رۇسىيە زېمىنىدا ئايلىنىشىنى توختىتىدۇ .

يەنى رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى GPSئۇرۇن بەلگىلەش سىگنال بېكىتىنى تاقايدۇ ، ئىككى تەرەپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىسا ،9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى GPSپونكىتىنى ئىشلىتىش تامامەن توختتىلىدۇ ،.


تەھلىلچىلەر بۇنى رۇسىيىنىڭ ،ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە يۈرگۈزگەن بىر قىسىم جازالاش تەدبىرلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسى دەپ قارىدى . GPSيەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ، ئامېرىكىنىڭ 2-ئەۋلاد يول باشلاش سىستېمىسىغا تەۋە .GPSئۈچ قۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن .بىرىنچى قىسمى بوشلۇق قىسمى بۇلۇپ ،24سۈنئىي ھەمراھتىن تەركىپ تاپقان .

ئۇ ئۈزۈلدۈرمەي ئورۇن بەلگىلەش سىگنالى بېرىدۇ . ئىككىنچى قىسمى يەر يۈزىنى تېزگىنلەش قىسمى بۇلۇپ ،ئاسالىق تېزگىنلەش سۇپىسى ، يەر يۈزى ئانتېنناسى ۋە ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن . سۈنئىي ھەمراھنىڭ نورمال خىزمەت قىلىش قىلالماسلىقى يەر يۈزى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە تىزگىنلىشىگە باغلىق ،ئۈچىنچى قىسمى GPSسىگنال قوبۇللىغۇچ ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئانتېنناسى بۇلۇپ ، بۇ يەرشارىدىكى نۇرغۇن دۆلەتكە تەسىس قىلىنغان يەر يۈزى پونكىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

بۇيەر يۈزى پونكىتلىرى ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمرا يول باشلاش سېستېمىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلدۇ .مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم رۇسىيە ئۆز چېگرىسى ئىچىدىكى 11GPSيەر يۈزى پونكىتىنى تاقايدۇ . بۇ پونكىتلار ئاساسلىقى يەر يۈزى سىستېمىدىكى GPSئابونىتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توغرىلاش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ . بۇ پونكىتلار تاقىلىپ قالسا رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئابونتلار GPSسىستېمىسىنى توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ .

بۇ GPSسىستېمىسى شۇنداقلا ئىستىمال تۈردىكى سودا مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ .بۇ سودىگەرلەر ئامېرىكا پارلامىنتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىينى جازالىغانلىقىغا قارىتا پىكىر چىقىرىپ ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن .


رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاپپاراتلىرى بۇرۇنلا رۇسىيىنىڭ گىرونازچى توپ باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا ،بۇ قارار رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . باشقا دۆلەتلەرنىڭ GPSئابونىتلىرىغا بولغان تەسىرىمۇ چوڭ بولمايدۇ .

رۇسىيە كېلەركى ئايدا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى11 يەردىكى GPSيەر يۈزى ئاساسىي پونكىتىنى ئىشلىتىشتىن توختاتقاندىن باشقا يەنە ئامېرىكىنى ئىككى خىل راكىتا ماتورى بىلەن تەمىنلەشنىمۇ توختىتىشى مۇمكىن . بۇ RD-180تىپلىق راكىتا ماتورىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوسىن 13 -ماي مۇنداق دېدى : ‹بىز ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرىمىز،ئەگەر ئامېرىكا RD-180تىپلىق راكىتا ماتورىنى داۋاملىق ئۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بولسا ، بىز مال بىلەن تەمىنلەشنى ۋە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىپ بولغان ماتورلارنى قەرەللىك ئاسراشنى توختىتىمىز ،.RD-180تىپلىق راكىتا ماتورى ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئىدارىسى بەش تىپلىق راكىتاسىغا سەپلەنگەن .

كىشىلەر بۇ توشۇغۇچى راكىتانى ‹ئاتلاس بەش تىپلىق راكىتا› دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇ ‹ ئالەم ئىلاھى بەش تىپلىق ›توشۇغۇچى راكىياتىنڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى تىپتىكىسى .2011-يىلى ئامېرىكا يەنە ‹ ئاتلاس بەش تىپلىق ›توشۇغۇچى راكېتانىڭ سۇپىسى قىلىپ ،ئادەملىك ئالەم ئۇچقۇرىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا چىقارغان . بىلامبىرىك ئاگېنتلىقى رۇسىيىنىڭ RD-180تىپلىق راكىتا ماتورىنى تەمىنلەشنى توختىتىمىز دېگەن سۆزىگە قارىتا ،نۆۋەتتە بەش بۇرجەكلىك بىنا روسىيە ياسىغان راكىتا ماتورىغا تايىنىشنى ئازايتىش چارىسىنى تاپالمىدى دەپ ئېيتتى .

تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئامېرىكا ‹ ئاتلانتىس ›ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن يېڭى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكىتا تېخنىكىسى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ . ئامېرىكا ھازىرچە رۇسىيە ياسىغان راكىتا ماتورىنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق بولغان راكىتا ماتورىنى تەتقىق قىلىپ چىقالمىدى .رۇسىيە ياسىغان راكىتا ماتورىنىڭ باھاسى ئەرزان .
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ،ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 2015-يىللىق خام چوتىدىن قارىغاندا ،ئەگەر خامچوت 2016-يىلىدىكى ئاشمىسا ،ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى نۇرغۇن تۈردە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن . دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى زور خىراجەت ئاجرىتىپ ‹ ئاتلانتىس 5 تىپلىق ›توشۇغۇچى راكىتاغا ماس كېلىدىغان ماتورنى تەتقىق قىلىپ چىقمىسا بولمايدۇ . ئەمما رېتىر ئاگېنتلىقى ،نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا RD-180تىپلىق راكىتا ماتورىنى تەمىنلەشنى توختىتىش ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، چۈنكى ئامېرىكا راكىتا قۇيۇپ بېرىش شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بار .

ئىككى يىل ئىچىدە تەسىر يەتمەيدۇ . ئەمما ئەگەر سودا جازاسى ئىزچىل داۋاملاشسا ،ئامېرىكا RD-180تىپلىق راكىتا ماتورىنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ باشقا ماتور ئىشلەپ چىقارمىسا بولمايدۇ دەپ قارىدى .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
17-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: بەيدۇ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek