ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ئەرنىڭ كاللىسى تەبىئىيلا بوتۇلكىلارنى «چىڭ تۇتۇپ» تۇرالايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا بىرلا ۋاقىتتا سەككىز بوتۇلكىنى 10 سىكۇنت كاللىسىغا چاپلاپ تۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا جېننىس رىكورتى ياراتقان ئىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جامې كىتون (Jamie Keeton) بولۇپ، بۇ يىل 47 ياش، ئامېرىكا ئىللىنويى شىتاتىدىن. جامې كىتوننىڭ كاللىسى ئىستىكان، مېتال ئىچىملىك قۇتىسى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرالايدىغان بولۇپ، يەنە تېخى خېلى ئۇزۇنغىچە يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. جامې كىتون بۇرۇن ئەسلىدە تەكشىلىكتە لاھىيلىگۈچى بولۇپ، مانا ئەمدىلىكتە بولسا پەقەت كاللىسىغا بوتۇلكا چاپلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ھەپتىدە 8000 دوللار (تەخمىنەن 53 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) كىرىم قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جامې كىتوننىڭ تېرە تېمپېراتۇراسى ئادەتتىكى ئادەمنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، تېرىسىنىڭ يېپىشقاقلىقىمۇ يۇقىرى ئىكەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ چاپلاشتۇرۇش ياكى شۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا بەكلا يۇقىرى ئىكەن.
جامې كىتوننى تەكشۈرگەن دوختۇر مۇنداق دېدى:«بۇنداق ئەھۋال ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، شۇڭلاشقا ھازىر بۇنداق ئەھۋالنى مېدىتسىنادا زادى كەسپى ئاتالغۇ بىلەن ئاتاشنى مەنمۇ بىلمەيمەن».
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved