گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ئىزچىل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان تاماملاشقا تىرىشىپ كەلگەن نىشان، لېكىن بۇ باشتىن ئاخىر ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقىنىڭ 7-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنى قايتىدىن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، بۇ تۈرمىدە 12 يىلدىن ئارتۇق قامالغان ئالتە مەھبۇس يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئۇرۇگۋايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئۇرۇگۋايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئالتە مەھبۇسنىڭ تۆتى سۇرىيەلىك، بىرى تۇنىسلىق ۋە بىرى پەلەستىنلىك. ئۇلار 2002-يىلى «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئىزچىل ئەيىبلەنمەي كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved