سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال 26-ئاۋغۇست سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ غەربىدىكى جىددە شەھىرىدە زىيارەتكە بارغان ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن ئامىر ئابدۇللاھىيان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئىراق مەسىلىسى ۋە ئورتاق دۇچكەلگەن تېررورلۇق تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كېڭەشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بۇلتۇر 8-ئايدا رۇھانى ئىران پىرېزىدېنتى بولغاندىن بۇيان، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئىبارەت ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار زىيارىتى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved