جاھان ئاگېنتلىقى تورى 2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتى ۋالىي ئىدارىسى ئالدىدا بىر قىسىم كشىىلەر توپلاشقان ۋاقىتتا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئاز دىگەندە 20 كىشى ئۆلدى ۋە 36 دىن كۆپ كىشى يارىلاندى.
ئافغانىستان ساقچىلىرى، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى خوست ۋىلايىتى ۋالىي ئىدارە بىناسى ئالدىدا ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خوست ۋىلايىتى ۋالىيسىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن قارشىلىق نامايىشى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا ئاز دىگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 36 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان.
يارىدارلار ئارىسىدا بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بارلىقى ئېنىقلاندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved