سكودا يېڭى دالا ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى ئاران 4.7 لىتىر

گېرمانىيە ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى ئاممىباب ئاپتوموبىل گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى ئاساسلىق تارماق ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىئات (Seat) بۇ يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پۈتۈنلەي يېڭى Vision S ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ماركىدىكى SUV ئاپتوموبىللىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا ئەنگلىيە تاراتقۇسى Autoexpress دىن ئىگىلىنىشىچە، سكودا Kodiaq ئىخچام تىپلىق SUV ئاساسىدا يېڭىدىن بىر پاسىل ھالقىغان SUV ياسايدىغان بولۇپ، ھەر يۈز 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى ئاران 4.7 لىتىر بولىدىكەن.

سكودانىڭ پۈتۈنلەي يېڭى پاسىل ھالقىغان SUV ئاپتوموبىلى تاشقى كۆرۈنۈش ئۇسلۇبىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئالدى يۈزى سكودا Superb تىن ئۆرنەك ئالىدىكەن ھەمدە ئاقما شەكىلدىكى ئاپتوموبىل ئۈستى لايىھەسى قوللىنىلىدىكەن. ئاپتوموبىل تەگلىكى نىسبەتەن ئېگىز بولۇپ، چوڭ دىيۇملۇق چاق كۇدىسى سەپلىنىپ، قۇيرۇق قىسىمىغا كۈمۈش رەڭلىك سۈرۈلۈشتىن ساقلاش تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يېڭى ئاپتوموبىل بەش كىشىلىك لايىھەلىنىدىغان بولۇپ، يۈك-تاق ساندۇقىنىڭ ھەجىمى 500 لىتىردىن ئېشىپ كېتىشى، ئارقا ئورۇندۇقنى ياتقۇزغاندىكى ھەجىمى 1400 لىتىردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتىن، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئاممىباب گۇرۇھىنىڭ ئوخشىمىغان گاز چىقىرىش مىقدارىدىكى بىر يۈرۈش بېنزىن ۋە دىزېل ماتورلىرى سەپلىنىدىغان بولۇپ، قول خوتلۇق ۋە DSG ئاپتوماتىك خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلىنىدىكەن. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يەنە تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان GreenLine نۇسخىسى بولۇپ، ھەر كىلومېتىردا قويۇپ بېرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارى 110 گىرامدىن تۆۋەن، ھەر 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى ئاران 4.7 لىتىر بولىدىكەن. 

سكودا يېڭى پاسىل ھالقىغان SUV ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى قىسىمى نىسبەتەن ھەرىكەت تىپلىق ئۇسلۇبتا لايىھەلىنىدىغان بولۇپ، چوڭ ئېكران ۋە كۆپ خىل بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرى سەپلىنىدىكەن. يېڭى ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن تۇلپار X4 ۋە لەندروۋېر Evoque قاتارلىق ئاپتوموبىللار بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن. سكودا كەلگۈسىدە يەنە نىسسان Juke بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئاپتوموبىل تىپىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن ھەمدە مەھسۇلاتلىرىنى تەڭشەپ، 2020-يىلىدىن بۇرۇن سېتىش مىقدارىنى 1.5 مىليونلۇق نىشانغا يەتكۈزىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيەدە قىممىتى 200 مىڭ فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 1.88 مىليون يۈەن) لىق يېشىل رەڭلىك لەمبورگىنى تاكسى تىجارەت كىنىشكىسىگە ئېرىشىپ ئىش ئورنىغا رەسمىي چىققان. بۇ ئەن...
11-05-2016
       ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تەڭ تېمپراتۇرا قاتلاملىق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق رەسەتخانىدىن پايدىلىنىپ، ...
11-05-2016
    5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، NASA تەرەپ تورى ئەڭ يېڭى PSD تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مېركۇرىينىڭ يەر شەكلى خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. بۇ مۇكەممەل يەر شەكلى خەرىتىسىدىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان جۇغراپ...
11-05-2016
   ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئىقتىسادى تەسىر كۈچىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان...
11-05-2016
    4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا–ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى 12–مايدىن 14–مايغىچە شىنجاڭ «خەلقئارا» كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.     جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا–ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا ...
11-05-2016
  ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئاچتى يىغىندا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھاتى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ...
11-05-2016
     ئەنگىلىيە ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭدىكى قاتناش شالاڭ كوچىلاردا توكلۇق ۋېلىسپىت ئەڭ مودا يېڭى قاتناش قورالىغا ئايلانغان. ئىككى يىل ئىلگىرى پيۇڭياڭ...
11-05-2016
    5-ئاينىڭ 10-كۈنى لاتقا شېغىللىق ئېقىن يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن شىنجاڭ سايرام-كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قىسمەن يول بۆلىكى غۇلاپ چۈشتى، G30-لىنىيەسىنىڭ 4182+300 بۆلىكى ئېغىر دەرىجىدە غۇلاپ چۈشكەن بولۇپ، ئۇزۇنل...
11-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق...
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى،فوتوسى) چەرچەن ناھىيەسىدە «8-ماي ئانىلار بايرىمى » مۇناسىۋىتى بىلەن چەرچەندىكى مېھرىبان ئانىلار جەم...
Powered by Leglek