كورىيە يانفون كارخانىسى LG بۈگۈن ئانچە داۋراڭ سالمايلا ئۆزىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفونى LG Ray نى ئېلان قىلغان. ئېلان قىلىنىش ئورنىغا كەلسەك، بۇ يانفون LG نىڭ باشقا بايراقدار دەرىجىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش ئامېرىكا ياكى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى تاللىماستىن، بەلكى تۇنجى بولۇپ روسىيەدە ئېلان قىلىنغان، كېيىن مېكسىكا، ئارگېنتىنا ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرگۈزۈلىدىكەن.
نەق گەپكە كەلسە، بۇ يانفون ئوتتۇراھال ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 720P بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، لىيەنفاكې MT6592M تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، 3000 مىللىئامپىرلىق باتارىيە، سەككىز مىليون ۋە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلەنگەن، ئاندىرويىد 5.1 سىستېمىسى قاچىلانغان.
LG Rayنىڭ سىرتقى شەكلى LG يانفونلىرىنىڭ كىلاسسك لايىھە ئۇسلۇبىغا ۋارسلىق قىلغان، كۇنۇپكىلىرى يانفوننىڭ ئارقا يۈزىدىكى كامېرانىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساس كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كامېرانى قوزغىتىش ۋە ئېكراننى سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن. يانفون گەۋدىسى سۇلياۋدىن ياسالغان بولۇپ، قارا، ئالتۇن رەڭ ۋە كۈمۈش رەڭلىك نۇسخىلىرى باركەن.
سېتىلىش باھاسى 15000 رۇبلى (خەلق پۇلىغا 1464 يۈەن) بولۇپ، 4G تورىنى قوللىمايدىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved