تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە Apple Watch نىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت سېتىلىش مىقدارىنىڭ 3 دىن 2 قىسمىنى ئىگلىگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇلتۇر تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكۈنە بازىرىغا ئالما شىركىتىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان. Apple Watch نىڭ پۈتۈن بىر يىلدا 12 مىليون دانە، بايرام دەم ئېلىش كۈنىدە 5 مىليون دانە سېتىلىش مىقدارى بىلەن بۇلتۇرقى تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكۈنە بازىرىدا يېتەكچىلىك ئورنىدا تۇرغان.
قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن Gear2 قول سائىتى ئارقىلىق سامسۇڭ تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكىنە بازىرىدا قايتىدىن 2-ئورۇنغا قايتىپ كەلدى، Pebble بولسا 3-، خۇاۋېي 4-بولدى ھەمدە خۇاۋېيمۇ ئۆزىنى ئىلغار Android Wear OEM قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
بۇلتۇرقى ئاساسىي بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىدىكى تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكۈنە بازىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 37 مىليون دانە بولۇپ Fitbit شىركىتى بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلاردا باشلامچى بولدى ھەمدە پەسىللىك سېتىش مىقدارى بويىچە رېكورت ياراتتى. جۇڭگونىڭ شىياۋمى شىركىتى بولسا 2-قاتاردا بولۇپ، 2015-يىلىدىكى سېتىش مىقدارى 12 مىليون دانىگە يەتتى.
يەنە بىر بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Gartner نىڭ ئانالىزچىسى كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن ئاكتىپ باھا بەردى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا Gartner ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە 2019-يىلىغا بارغاندا بارلىق تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكۈنە ئارىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ بولۇپ، قىلىنىدىغان كىرىم 17 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2016 يىلى تاقاشقا بولىدىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق 28 مىليارد 700 مىليون دوللار كىرىم بولىدىكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتلا 11 مىليارد 500 مىليون دوللارنى ئىگىلەيدىكەن، Apple Watch نىڭ ئىپادىسى داۋاملىق ياخشى بولىدىكەن.
Gartner شىركىتى يېقىندا بازارغا سېلىنىۋاتقان قالپاقلىق ئېكران مەھسۇلاتلىرىغا ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەسكەن، مەسىلەن Facebook نىڭ Oculus Rift ۋە HTC نىڭ Valve Vive قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى «يېڭى گۈللىنىۋاتقان بازار» دەپ ئاتىلىدىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved