گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 665-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دېڭىز كۆلىمى 85 كۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋمېن مەمۇرىي رايونى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرىنىڭ پاسىلىدىكى توسمىنىڭ ئاۋمېن چېگرا تەكشۈرۈش بىناسى ھەمدە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى توسمىسىدىن جۇخەي چېگرا موداپىئە پونكىتىدىكى ئەسلى بايراق بىناسىغىچە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يېڭى چېگرا موداپىئە بىناسىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بۆلەك قىلىنىپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئايرىپ بېرىلىدۇ. مەمۇرىي رايون تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ پاسىلى قۇرۇقلۇق ۋە ۋە دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قۇرۇقلۇق قىسمى ئاۋمېن يېرىم ئارىلى ، داڭزى ئارىلى، لۇخۈەن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن قۇرۇقلۇق پاسىلى ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىسمى ئىلگىرىكى سۇ باشقۇرۇش دائىرىسى ئادىتى بويىچە دېڭىز كۆلىمى 85 كۋادرات كىلومېتىر قىلىپ ئېنىق بېكىتىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved