بەزى كىشىلەر كالا سۈتىگە قەنت قوشۇپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دەرۋەقە كالا سۈتىگە قەنت قوشۇپ ئىچكەندە، كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى تەمىنلەپ بېرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قەنت قېتىلغان كالا سۈتى ھەزىم قىلىشقىمۇ پايدىلىق. بىراق كالا سۈتىگە قېتىلىدىغان قەنت چوقۇم بەلگىلىك مىقداردا بولۇشى كېرەك، ئادەتتە ھەر 100 مىللىلېتىر كالا سۈتىگە بەش ~ ئالتە گىرام قەنت قوشسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر كالا سۈتىگە قوشقان قەنت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى بېرىدۇ.
كالا سۈتىگە قەنت تۈرىدىكىلەرنى قېتىشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى شېكەر ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى شېكەر ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن پارچىلىنىپ، گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ، بەدەن تەرىپىدىن ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا، قەنت بىلەن كالا سۈتىنى بىرلىكتە قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا كالا سۈتى تەركىبىدىكى لىسىن كىسلاتاسى قەنت بىلەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتى ئاستىدا رېئاكسىيەگە كىرىشىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ماددا گىلىكوزىل لىزىننى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق ماددا ئادەتتە سالامەتلىككە زىيانلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال قايناتقان كالا سۈتىنى سوۋۇتۇپ ئىلمان ھالىتىگە كەلگەندە، يەنى كالا سۈتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃40 ~ ℃50گە چۈشكەندە، ئاندىن قەنت قوشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved