تېڭشۈن تەنتەربىيسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
[ ئۈزۈندە ] ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سىملىق تېلېۋېزىيە تېجارەتخانىللىرى TVOS دىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى قاچىلىماسلىق كېرەك دەپ تەلەپ قىلدى .
ئەھۋالنى ئاشكارلىغۇچى خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، رادىئو - تېلېۋېزىيە باش ئىدارىسى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىملىق تېلېۋېزىيە تېجارەتخانىللىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى ، ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى : ھەرقايسى سىملىق تېلېۋېزىيە تور شىركەتلىرىنى سېتىۋىلىش ھەم ئەقلى تېلېۋېزور قۇتىسىنى تەتقىق قىلىش ، TVOS1.0 دېتالىنى قاچىلاپ ئىشىلتىش ، TVOS دىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىماسلىق . بۇ رادىئو - تېلېۋېزىيە باش ئىدارىسىنىڭ 6 ئاينىڭ بېشىدىكى رەسمى ھالدا ئەقلى تېلېۋېىيە مەشغۇلات سىستېمىسى TVOS1.0 نى تارقاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى .
ئىلگىرى ، جىياڭسۇ سىملىق تېلېۋېزىيسى ۋە شاڭخەي شەرق سىملىق تېلېۋېزىيسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سىملىق تور تېلېۋېزىيەسى تېجارەتخانىسى سىناق قىلىنغان ، بۇندىن باشقا ھەرقايسى جايلاردىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق نۇقتىغا سىناق ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن .
كەسپى خادىملارنىڭ ئانالىزىچە ، مەركىزى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۆزىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوزغىتىش رەسمىيلەشكەن . ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ، مەركىزى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تور شىركەتلىرىگە خىرىدار چاقىرغان ، تورلاشتۇرۇلغان تور تېلېۋېزىيەسى سىن چۈشۈرۈش دېتالىنىڭ قانىلىنى دەرھال تاقاشقا ئائىت بۇيرۇق چۈشۈرگەن ، نۇقتا ئىسمى : << خۇاشۇ >> تاراتقۇسى ( 华数传媒 ) ، بەيشىتوڭ ( 百视通 ) نىڭ OTT قۇتىسى ، تور تېلېۋېزىيە قۇتىللىرىدىكى سىن قويۇش دېتالىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ، خۇاشۇ تاراتقۇللىرى ئىپادە بىلدۇرۇپ ، يوچۇق چىقىپ قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى OTT قۇتىللىرى ئاندرويىدنىڭ ئىجادىيەت تىپىدىكى سىستېمىنى ئىشلەتكەنلىكىدە .
دۆلەت مەركىزى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭشىياۋجېې ( 王效杰 ) ئالتىنجى ئايدا 2014-يىلىدىكى بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارا تور تېلېۋېزىيەسى تەتقىقات مۇھاكىمە يېغىنىدا مۇنداق دېدى ، بۇندىن ئىلگىرى مەخسۇس تېلېۋېزىيە دېتالىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى يوق ئىدى ، ئاندرويىد ۋە IOS سىستېمىسىنىڭ تېلېۋېزىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش تېخى تاماملانمىدى . بىراق ، TVOS1.0 سىستېمىسىدا ، ئۇچۇر بىخەتەرلىك بۆلىكى چوشۇلدى ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى ۋە كاپالەتكە ئىگە بولدى .
بىر نەپەر تېلېۋېزىيە قۇتىسى كەسپىدىكى خادىمى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : بۇ ئوخشاشلا OTT قۇتىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ ، بۇنىڭ مىسالى :
گۈرۈجچاق ( 小米 ) ، خۇشال تېلېۋېزىيسى ( 乐视 ) ، تىيەنمىياۋ ( 天猫 ) قاتارلىقلارغا تەسىر كۆسىتىدۇ .
بىراق ئۇ يەنە مۇنداق دىدى : ئىلگىرى 90 % OTT قۇتىسى ۋە ئەقلى تېلېۋېزورى ئاندرويىد سىستېمىسى ئىشلەتكەن ، بازاردىكى ئاندرويىد تورلاشتۇرۇش دېتالىنىڭ ئىشىلتىلىشى مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن ، ھەممىنى TVOS1.0 غا يېتەكلەش قېيىن ، بىراق كەلگۈسىدىكى تورلاشتۇرۇلغان تېلېۋېزىيە تەرەققىياتىدا بۇ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ .
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved