بازا تەشكىلاتى سابىق كاتتىۋېشى-ئۇسامە بىن لادىن (1)

مەنبە:ۋىكىپېدىيە قامۇسى
ئۇسامە ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئاۋاد بىن لادىن، 1957-يىلى 10-مارتتا سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا تۇغۇلغان، 2011-يىلى 2-مايدا 54 يېشىدا پاكىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن. قانۇنسىز ئىسلامى «ئەل قائىدە» بازا تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى، 1994-يىلى سەئۇدى پۇقرالىقىدىن چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ئەسلى تېگى يەمەندىكى كىندە قەبىلىسىدىن، ئۇسامە بىن لادىن 1979-يىلى پاكىستانغا بارغان ۋە ئافغانىستاندا سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان غازاتچىلارغا قاتناشقان. 19880يىلى ئەل قائىدە تەشكىلاتىنى قۇرغان. 1992-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدانغا بارغان. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن 1996-يىلى سۇداندىن ئايرىلىپ ئافغانىستادا تەشكىلاتىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇشقا باشلىغان. قولتۇق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ماكانى مەككە ۋە مەدىنە جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلىشىشى بىلەن ، بىن لادىن بۇ ئەھۋال ئىسلامغا ھاقارەت دەپ قاراپ ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋە بىر قىسىم غازاتچىلار بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىغا قارشى تەشكىلات قۇرغان. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيانىڭ نىشانىغا ئايلانغان بىن لادىن ، ئۆلتۈرۈلۈش ئىھتىمالىغا قارشى يازغان ۋەسىيەتنامىسىدە ئەل قائىدە تەشكىلاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق كىشىنى خالىد ئىبنى قاسىم دەپ بېكىتكەن.

1-ياشلىقى ۋە تەربىيلىنىشى:
ئۇسامە بىن مۇھەممەد بىن ئاۋاد بىن لادىن، 1988-يىلىدا بىر سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ 1957-يىلى 10-مارتتا سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتقان، دادىسى يەمەننىڭ ھەزەرمەۋت رايۇنىدا تۇغۇلغان بولۇپ كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن، دادىسى مۇھەممەد ئىبنى ئاۋاد بىن لادىن جىددەدە بىناكارلىق-قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ مىليادىرغا ئايلانغان ۋە ھازىرقى «سەئۇدى بىن لادىن گوروھى» نامىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى. ئانىسى بولسا مۇھەممەد بىن لادىننىڭ 10- قېتىم ئۆيلەنگەن ئايالى ھەمىدە ئاتتاس «ئۇ ۋاقىتتىكى ئىسمى ئالىيە خانىم» ئىدى. 1999بىن لادىن -يىلىدىكى بىر سۆھبەتتە «ئۇسامە» -«شىر-ئارسلان» دىگەن مەنىدە-ئىسمىنىڭ ساھابىلەردىن ئۇسامە ئىبنى زەيددىن ئۈلگە ئالغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇھەممەد بىن لادىننىڭ ھاياتى بويىدا ئۆيلەنگەن 20 ئايالىدىن جەمئىي 50 پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇسامە بىن لادىن ئانىسى ھەمىدە بىلەن بىرگە مەدىنىدە ئۈچ ئوغۇل ۋە بىر قىز قېرىندىشى بىلەن ياشىدى. مۇھەممەد بىن لادىن 1968-يىلى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىن لادىنغا «سەئۇدى بىن لادىن گوروھى» نىڭ 2.3% پېيى مىراس بولۇپ تەقسىملەنگەن.
بىن لادىن سۈننىي مەزھىبىدىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تەربىيلەنگەن بولۇپ، ئەنگىلىيەلىك مۇخبىر ۋە يازغۇچى ستېۋ كول بىن لادىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، بىن لادىننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بەزى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە لىۋاننىڭ بەيرۇت شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى ، بىر يىل ئۆتمەستىن بۇ مەكتەپتىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان. بىن لادىن كېيىن جىددەدىكى ئەل تەگر بىناكارلىق مەكتىپىدە ئوقۇدى. بىن لادىننىڭ يېقىن قوشىنىسى مۇخبىر خالىد باتارفى، بىن لادىننىڭ جىددەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. بىن لادىن 1976-يىلى بۇ مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
بىن لادىن 1993-يىلىدىكى بىر سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش ئېنژىنىرى ۋە ئاگرونومىيە ئىكەنلىكىنى، جىددەدىكى پادىشاھ ئ‍ابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرستىتىدا ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتقان.

داۋامى....



خەتكۈچلەر:
08-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek