چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، يانفۇننىڭ ئومۇملىشىشىغان ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئائىلىلەر مۇقىم تېلېفون ئورناتمايدىغان بولغان، ياپونىيەدىكى %70 ئائىلە مۇقىم تېلېفون ئورنتىتىشنى خالىمايدىكەن، ئۇلار بارلىق ئالاقە ئىشلىرىدا پەقەت يانفۇنىغا تايىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشكە توي قىلىپ بولغان 709 ئايال قاتناشقان بولۇپ، ئۆيىڭىزگە مۇقىم تېلېفون ئورناتتىڭىزمۇ؟ - دېگەن سوئالغا %70 ئايال - ياق، دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان يانفۇنغا كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، يەنە %39.2 ياپونىيەلىك ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ ھەقسىز ئالاقىلىشىدىكەن. يەنە %30.7 ياپونىيەلىك بۇ خىل ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىنى ئاندا-ساندا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved