ITتورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
كەيجى ئاكسىيەسىنىڭ تەھلىل قىلغۇچىسى دۈن مىڭچى يەنە يېڭى سۆز قىلدى ، بۇ قېتىمىق ‹ئاشكارلاش نىشانى ›بەلكىم بۇيىل كۈزدە ئېلان قىلىندىغان ئالما iwatchئەقلى ئىقتىدارلىق سائىتى بۇلىشى مۇمكىن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە تەھلىل قىلغۇچى دۈن مىڭچى iwatchaنىڭ iphoneۋە ipadدىن ئايرىم ھالدا ،مۇستەقىل مەشغۇلات قىلىدىغانلىقى ،ھەمدە بۇخىل ئەقلى ئىقتىدارلىق سائەت iosنىڭ ‹ئالاھىدىلىكى ›بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ،مەسىلەن بۇ خىل ئەقلى ئىقتىدارلىق سائەتنىڭ داۋالاش ۋە كۆزىتىش ئالاھىدىلىكى بۇلىشى مۇمكىن .
قاتتىق دېتال جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، iwatchنىڭ ئىچكى قىسمىدا ،جانلىقلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاش بولغان خەۋەرلىشىش ئۆزىكى بار ئىكەن .ئىشلىتىلگەن سېستىمىسىنىڭ لايىھىلىنىشىدە ،سىستېما ،پۈتۈن قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىدىكى كىچىككىنە ئۇرۇننى ئىگەللەيدىكەن .
ئالما ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ ئەڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ سىرىتقى شەكلى بولۇپ ،بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان سەنشىڭ،LGقاتارلىقلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق قول سائىتىدىن خېلىلا پەرقلىق ئىكەن . iwatchنىڭ سىرىتقى قېپىغا ھەرخىل شەكىلدىكى ماتىرىياللار ئىشلىتىلىدىكەن .شۇنىڭ ئۈچۈنiwatchنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن .
iwatchنىڭ قاتتىق دېتال ماسلاشتۇرۇشى جەھەتتە ، 1.3 1.5 دىئۇمغىچە بولغان بىر پارچە AMOLEDئېكران يۈزى ئىشلىتىلگەن .ئەمما بۇ خىل سائەتنىڭ باتارىيىسى ئاران بىر كۈنگە پايلايدىكەن .
ئالما شېركىتىنىڭ iwatchئەقلى ئىقتىدارلىق قول سائىتى بۇ يىل كۈ پەسلىنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدىكەن ،2014-يىلى 5مىلىيون 500مىڭ دانە سېتىلىش مۆلچەرلەنگەن ،2015-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 30مىلىيوندىن 50مىلىيونغىچە بۇلىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved