ئوقۇشتىن چېكىنىپ 26 يېشىدا مىليادىر بولغان بىر ياش ھەققىدە

كونا يوللانما بولسىمۇ بىراق يەنە بىر كۆرۇپ ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ

 

 

دىپلوم ۋە ياكى ئۇنۋان نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۇۋەپپەقىيەتتىنمۇ ؟ پەقەت ئالى مەكتەپ ئوقۇشنىڭ ئۆزىلا ئۇتۇق قازانغا باراۋەرمۇ؟ چەت ئەلدىكى ۋە رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ياشلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم بېسىش كېرەك بولغان مۇھىم قەدەم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا %85 ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى--ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى.

 

يېقىندا ئامېرىكىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن داۋىد كارپنىڭ بىر كېچىدىلا مىليادىرغا ئايلانغانلىقى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىلا ئوقۇشتىن چېكىنىشنى تاللىغان داۋىد كارپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ كومپيۇتېر ئۇستىسى بولۇپ يېتىلىگەن، ئۇ ئالتە يىل ئىلگىرى قۇرۇپ چىققان تور بېكىتى «تۇنبىلىر» (Tumblr) بىر مىليارد 100 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن سېتىپ چىقىرىلدى.

 


«تۇنبىلىر» تورى ھەم مىكرو بىلوگ سۇپىسى ھەم ئالاقە تورى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ناھايىتى تىز سۈرئەتتە سۈرەت، خەت ۋە سىم ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى تورغا يوللىغىلى بولىدۇ. مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ جەمئىي 100 مىليون ئەزاسى بار. ھەر كۈنى تورغا چىقىرىلىدىغان چاپلىمىلارنىڭ سانى 90 مىليوندىن ئاشىدۇ. داڭلىق مودا ناخشىچى ۋە بەزى داڭلىق شەخسلەرمۇ مەزكۇر تور بېكىتىگە ئەزادۇر.

 


ئامېرىكىدىكى مانخاتتاننىڭ غەربى شەھەر رايونىدا چوڭ بولغان داۋىد كارپنىڭ دادىسى كىنو-فىلىمى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن ناخشا يېزىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا ئوقۇتقۇچى. داۋىد كارپ 11 ياش ۋاقتىدا ئۆزلۈكىدىن كومپيوتېر پروگراممىسىنى تۈزۈپ يېزىشنى ئۆگەنگەن ۋە شۇنداقلا ناھايىتى تىزلا ئۆزىنىڭ مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنى قۇرغان. 15 ياش ۋاقتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان چاغدا، داۋىد كارپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىسىدا مەكتەپتىن چېكىنگەن ھەمدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ 17 ياش ۋاقتىدا ياپونىيەگە بارغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال سىستېمىسى تېخنىكىسى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ۋە شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەر ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بېرىشكە باشلىغان.


داۋىد كارپ نىيۇيوركقا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنى سېتىۋەتكەن. 2007-يىلى، يەنى 21 ياش ۋاقتىدا داۋىد كارپ مانخاتتاندىكى ئۆيىدە «تۇنبىلىر» ئالاقە تورىنى قۇرغان. ياخۇ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى قارار قىلىپ، بىر مىليارد 100 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن داۋىد كارپنىڭ «تۇنبىلىر» ئالاقە تورىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان.

ياخۇ شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: مەن بۇ سېتىۋېلىش توختامىنىڭ تىزراق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ شىركىتىمىز تىزراق تەرەققىي قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ ۋە ئىجرا قىلالايدۇ.



خەتكۈچلەر:
13-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016