جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا باھار بايرىمى مەزگىلىدە ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنى بىر قېتىم توختىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ھەر قايسى بانكىلارنىڭ ئىش بېجىرىش كۆزنەكلىرى، تور بانكىسى، يانفون بانكىسى، تېلېفون بانكىسى قاتارلىق ئۇسۇللاردا بانكىلار ئارا پۇل يۆتكەش شۇنداقلا كاپىتال يىغىش كەسىپلىرى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
بۇ قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىدا جەمئىي 12 قېتىم قوغداش كۆزنىكى قوزغىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ 12 قېتىملىق سىستېما قوغداش كۆزنىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، 12-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى قوزغىتىلىدۇ، ھەر قېتىملىق سىستېما قوغداش كۆزنىكىنى قوغداش خىزمىتى كېچە سائەت نۆلدىن باشلىنىپ ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئاخىرلىشىدۇ. سىستېما قوغداش كۆزنىكى قوزغىتىلىش مەزگىلىدە، ئاز سوممىلىق ھەق تۆلەش سىستېمىسى، توردا ھەق تۆلەش بانكىلار ئارا راسچوت قىلىش سىستېمىسى، پۈتۈن مەملىكەتلىك چەك سۈرەت ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلاردا كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنچە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنى بىر قېتىم توختىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سىستېما توختىتىش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت يەتتىدىن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت سەككىزگىچە بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە، ئاز سوممىلىق ھەق تۆلەش سىستېمىسى، توردا ھەق تۆلەش بانكىلار ئارا راسچوت قىلىش سىستېمىسى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت يەتتىدىن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت سەككىز يېرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتۈن مەملىكەتلىك چەك سۈرەت ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت توققۇزدىن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت توققۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئېلىكتىرونلۇق سودا پېرېۋوت چېكى سىستېمىسى ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەركىزىي بانكىنىڭ ھەق تۆلەش سىستېمىسى چوڭ سوممىلىق ھەق تۆلەش سىستېمىسى ۋە ئاز سوممىلىق ھەق تۆلەش سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا قوغداش ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا ئاز سوممىلىق ھەق تۆلەش سىستېمىسى ئاساسلىق تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق تەسىرى بولسا 50 مىڭ يۈەن (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تۆۋەن سوممىلىق كاپىتالنى بانكىلار ئارا يۆتكەش مۇلازىمىتى بولىدىكەن. بۇ ئارلىقتا ئاز سوممىلىق ھەق تۆلەش سىستېمىسى ئارقىلىق بانكىلار ئارا يۆتكەلگەن پۇللار بەلكىم 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ياكى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ بانكا ھېساباتىغا كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved