بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەل جامائەتچىلىكى جۇڭگونىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى باشلانغان يىلى ئىسلاھات ئۆتكىلىگە قانداق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىس ئالىملار بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر دۆلەت ئىقتىساددا بۇرۇلۇش ياسىغاندا تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقىدۇ. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى، ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قوللانغان تەدبىرى ۋە ئىقتىدارىغا تولۇق ئىشەنچىدە ئىكەنلىكىنى ماختىدى.
سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا تېخىمۇ مۇھىم مەسىلىلەر يېتەكچى قىلىنىپ، تەرەققىياتتا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلار بېكىتىلگەندىن كىيىن، يەنە سىياسىي ۋەزىپىلەر پىلانلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى.
جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، پېرۇدا چىقىدىغان شەرق ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن مۇھرىرى روسىندو ئاكىت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھەر قانداق بىر دۆلەت ئىقتىساددا بۇرۇلۇش ياسىغاندا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو بىر قېتىم جۇڭگو ياسىمىچلىقىدىن جۇڭگو كەشپىياتىغا بۇرۇلۇش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسىدا كۆپلىگەن تەدبىرلەر قوللىنىلىپ ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتىشمەسلىكتەك بۇ قىيىن مەسىلىنى يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئىلگىرى جۇڭگودا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان، جۇڭگو مەسىلىسى بويىچە تەتقىقاتچى فىرانسىيە 8-ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى دوكتورى پىئىر پىكار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇرالما ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشدەك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا، ھەمدە خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئۇل ئەسلە، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ئوي، ئىجتىمائىي كاپالەت، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزدى. مەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق خىرىسلار ئۇستىدىن غەلىبە قىلىپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved