تۈنۈگۈنكى قەرەللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دېڭىز كۈچى تەشكىللەپ، جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىشى كېرەك، دېگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قىلچە پايدىسىز، شۇنداقلا ئالاقىدار ماجرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەق قىلىشقىمۇ پايدىسىز. جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنى بىۋاسىتە ئالاقىدار دۆلەتلەر كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلىكتە قوغدايدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ئىپادە بىدۈرمەسلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىشنى توختىتىشىنى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشكە، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved