شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تېھران، 22 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ئىران زۇڭتۇڭى روھانى 22 – سېنتەبىر: ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى خالايدۇ، دېدى.
ئۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇداپىئە ھەپتىلىكى پارات مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا: ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئۇل تاش. ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايونى تېررورلۇق، جەمئىيەت داۋالغۇش ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراۋاتىدۇ، ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن قوراللىق كۈچ بارلىق ئىمكانىيەتنى يارىتىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى خەلقنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved