يانفون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللار

   ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى، ئەمما تۇرمۇشىمىزدا يانفون ئىشلىتىشتىكى بىر قىسىم ئادەت خاراكتېرلىك مەشغۇلاتلار بىزگە ئورۇنسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.    خالىغانچە تورغا چىقىش

   ھازىر كىشىلەر سىرتلارغا چىققاندا بىلىپ – بىلمەيلا تىجارەتچىلەردىن ‹‹بۇ يەردە WiFi بارمۇ؟››، ‹‹WiFi نىڭ مەخپىي نومۇرى قانچە؟›› دېگەندەك ئادەت خاراكتېرلىك سوئاللارنى سورىشىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان WiFi تىجارەت تارماقلىرى قۇرغان WiFi ۋە سودىگەرلەر ئۆزلىرى قۇرغان WiFi دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تىجارەت تارماقلىرى قۇرغان WiFiغا كۆپ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ 24 سائەت نازارەت قىلىنىدىغان بولغاچقا، بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن بەزى تىجارەت سورۇنلىرى سىمسىز توردىن پايدىلىنىپ قۇرۇۋالغان كىچىك تىپتىكى WiFi لارغا مەخسۇس بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغاچقا، بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولۇپ ئاسانلا زەربىگە ئۇچراپ قالىدۇ. ھەتتا بەزى قەستكار (خاككېر)لار ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرى ياكى يانفونى ئارقىلىق ‹‹قىزىق نۇقتا›› قۇرۇپ ساختا ھەقسىز WiFi نامى بىلەن خېرىدارلارنى ئالداپ، بەزى قانۇنسىز تور بېكەتلىرىگە باشلاپ قويۇشى ياكى ھەر خىل مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىۋاسىتە ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىن.

   شۇڭا سىرتتا تورغا چىققاندا ھەقسىز ۋە قولايلىق بولۇشنى كۆزلەپ تېگى – تەكتى ئېنىق بولمىغان، بولۇپمۇ مەخپىي شىفىرى بولمىغان WiFi سىگناللىرىنى تاللىماسلىق، دەلىللەش مېخانىزمى بار بولغان WiFi مۇلازىمىتىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى خىزمەتچى خادىملارنى تېپىپ دەلىللىگەندىن كېيىن ئۇلاپ ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئامال بار يانفونغا WiFiغا ئاپتوماتىك ئۇلىنىش لايىھەلەپ قويماسلىق، ئىشلىتىپ بولغان WiFi سىگناللىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

   ناتونۇش تور بېكەتلىرىنى خالىغانچە زىيارەت قىلىش ۋە ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى خالىغانچە چۈشۈرۈش

   يانفون بىلەن تورغا چىققاندا تور بەتلىرىنى كۆرگەندىن باشقا، ھەر خىل ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى كۆپ ئىشلىتىمىز. لېكىن ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تارقىتىلىشىدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە سىياسەت چەكلىمىسى بولمىغاچقا ئارقا سەھنە مەشغۇلاتى، ئاپتوماتىك تورغا ئۇلىنىش، ھەقلىق ئىستېمال، يامان نىيەتتە تارقىتىش، يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىش، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلىۋېلىش ۋە ھەق تۇتۇۋېلىش قاتارلىق نۇرغۇن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەۋجۈت.

   شۇڭا ئەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى چوقۇم مۇنتىزىم يۇمشاق دېتال دۇكانلىرىدىن چۈشۈرۈش، خالىغان تور بەت ياكى مۇنبەرلەردىكى يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرمەسلىك كېرەك. ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى قاچىلىغان ۋە ئىشلەتكەن چاغدىمۇ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق دائىرىسىنى بېكىتىشكە دىققەت قىلىپ، يانفون بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

   كود كۆرسىلا سېكاننېرلاش

   ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلاش ئاللىقاچان نۇرغۇن يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. شۇنداق، سېكاننېرلاش ئارقىلىق كىشىلەر كۆرمەكچى بولغان تور بېكەتلىرىنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلالايدۇ، بۇ تور بېكەت ئادرېسلىرىنى كىرگۈزۈشتىن كۆپ ئاسان ۋە تېز بولىدۇ، بىراق ئىككىلىك كودتىمۇ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە يوچۇق بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىككىلىك كودتىن پايدىلىنىپ يانفون ۋىرۇسى ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ، ھەتتا ئابۇنىچىلارنىڭ مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.

   شۇڭا ئۇچرىغانلا ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلىماسلىق، بولۇپمۇ مۇنتىزىم بولمىغان تور بېكەتلەر تەمىنلىگەن ئىككىلىك كودلارنى سېكاننېرلىماسلىق، سېكاننېرلاشقا توغرا كەلگەندە ئالدى بىلەن كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يانفونلارغا مۇناسىپ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قاچىلاش ئارقىلىق زىيانلىق ئۇچۇرلار كۆرۈلگەن ھامان ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
22-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
15-ماي «جۇڭگو ئارزۇسى . يىپەك يولى مۇھەببىتى» شىنجاڭ رەسساملار يۇرتى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلاندى.   بۇ قېتىملىق ئەسەرلەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، باسما رەسىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچ...
16-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، فرانسىيەنىڭ ساينت نازايرې، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت پاراخوتى بولغان «دېڭىزدىكى تىنچلىق» ناملىق پاراخوت كېمە ياساش زاۋۇتىدىن ئايرىلىپ، كېلەر ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق سەپىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە...
16-05-2016
T-Bag تۈرمىدىن قېچىش، روبېرت (Robert Lyle Knepper) رول ئالغان تۈرمىدىن قېچىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئوبراز كىم؟ ئەگەر تاللاش ھوقۇقىنى ئامېرىكا فىلىم مەستانىلىرىگە بەرسەك ئۇلار بەلكىم ئەڭ چوڭ سەلبىي ئوبراز T-Bag نى تاللىشى مۇمكىن...
15-05-2016
ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق گىلبېرت ئوت ۋە لاۋرا بۇرنىس ئىسىملىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق تېجەشچانلاردىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى شىياڭگاڭ، توكيو ۋە باڭكو...
15-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     5-ئاينىڭ 14-كۈنى، چى خەيلىياڭ قىزى چى لىيۇ يى بىلەن بىللە يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. 34 ياشلىق چى خەيلىياڭ بىر كىلاسسىك مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇ...
15-05-2016
   قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولغان مىڭشېڭ خەلقئارالىق مەيدانى بىلەن جۇڭگو كىنوخانا لىنىيەسى، چىلېئېر (ئالاھىدە شاد- خۇرام بالىلار) بالىلار ئاساسى تېمىسىدىكى باغچا رەسمى توختام ئىمزالاپ، جەنۇب...
14-05-2016
NO.10 جەمىس ئەر-ئايال: جەمىسنىڭ بەدىنى ناھايىتى كېلىشكەن، بىراق چىرايى سەل قوپالراق كۆرۈنىدۇ (4.2 نومۇر ). ئايالى ساۋاننا تەنناز ۋە جەلىپكار ئايال (4.6نومۇر). ئومۇمىي نومۇرى 8.8.  NO.9 دانكىن ئەر-ئايال: تىم دانكى...
14-05-2016
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە، بىز مارۋېلنىڭ يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانى «قارا قاپلان» نىڭ مارۋېل كىنوچىلىقى سىرلىق يېڭى فىلىمىدىكى باش قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار يېڭى خەۋەر...
14-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ماي گوللاندىيە ئامستېردام، ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ كوچىدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىغا قاتناشتى. گوللاندىيە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ، خىزمەت كىيىمى كىيىپ يۈگۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، مۇسابىقىگە ...
Powered by Leglek