بېيجىڭ توڭجوۋ رايونىدىكى بىر رېستۇراندا پارتىلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلۈپ 11ئادەم يارلانغان.
جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7:15 ئۆتكەندە،بېيجىڭ توڭجوۋ رايونى لىيۈەن بازىررىغا يېقىن بىر رېستۇرانغا ئوت كېتىپ پارتىلاش يۈز بەرگەن، ھازىرغىچە بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى ۋە 11ئادەمنىڭ يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئەھۋالدىن قارىغاندا ، رېستۇران ئەتراپىدىكى ئون نەچچە دۇكان زىيانغا ئۇچراپتۇ. قۇتۇقۇزۇش خىزمىتىى نەچچە سائەت ئالدىدا ئاياقلاشتى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7:15 ئۆتكەندە ، توڭجوۋ رايونى لىيۈەن بازىرىدىكى بىر ئەتىگەنلىك ناشتا چىقىرىدىغان رېستۇراننىڭ گاز تۇڭى پارتىلاپ كېتىپ، كۈچلۈك بىر ئاۋاز چىقىشى بىلەنلا تەڭ ، رېستۇرانمۇ تەڭ پارتىلاپ كەتكەن،
ئەتراپنى پۈتۈن ئىس-تۈتەك ۋە چاڭ توزان قاپلىغان، كېيىن قۇتقۇزۇلغان يارلانغۇچىلار يول ئۈستىگە بىر بىردىن ياتقۇزۇلغاندا ، ئەتراپتىكى كىشىلەر توپلىشىپ كەتكەن ، خەۋەر قىلىنىشىچە يولدا كېتىۋاتقان ماشىنا ۋە ماشىنىدىكى ئادەممۇ يارلانغان.شۇ رايوندىكى يېقىن ئۆي-ئىمارەتلەرمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى جىددىي ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
يارلانغۇچىلار ھازىر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved