ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.دۆلەت بايرىمىدىن كېيىنلا 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ياشانغانلار بايرىمى بۇلۇپ ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلىمزدىكى بىلەن ھەر قايسى جايلار ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ،ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش تېما قىلىنغان پائالىيەت ئۆتكۈزدى .قىسمەن رايونلاردا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ،ئاياللار لەر تاماق ئېتىپ ياشانغانلارنى تېتىپ كۆرۈپ باھالىشىغا سۇندى .
ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىمۇ قىزىپ كەتتى .جىياڭسۇدىكى ياشانغانلار 15 كىلومېتىر يىراقلىققا مېڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى .خېبىيدىكى ياشانغانلار تېز سۈرئەتتە يەر ياڭىقى ئاقلاش ،ئارغامچا سەكرەش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدى .ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭلىرى 90ياش ئەڭ كىچىكى 56 ياشقا كىرگەن .
بۇ قېتىملىق ياشانغانلار بايرىمىدا جۇڭگودىكى ياشانغانلار جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،باشقىلارغا ياردەم بېرىپ ئۆزىگە خۇشاللىق تاپتى . ئەنخۇيدا بىر پاراۋانلىق ئەترىتى بۇلۇپ ، بۇ ئەترەت پۈتۈنلەي ياشانغانلاردىن تەشكىل تاپقان ،ئۇلار مەھەللىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدۇ ۋە ئامما ئارىسىدىكى تالاش -تارتىشلارنى ھەل قىلىدۇ . يېقىندا جۇڭگودا تۇنجى نۆۋەتلىك ياشانغانلار مودا كىيىم كېچەك لايىھىلەش مۇسابىقىسى ۋە مودېل مېڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى . مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىپ ئەكەلگەن مەخسۇس ياشانغانلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن كىيىم -كېچەك پاسونى 948خىلغا يەتكەن .ياشانغان مودىللار سەھنىدە ياشلاردىن قىلچىمۇ قېلىشمىدى .
نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ياشانغانلارنىڭ سانى 300مىلىيوندىن ئاشقان .دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ،پۈتۈن دۇنيادا يىلىغا 300مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان ئادەم يىقىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدىكەن ،بۇنىڭ ئىچىدە 67 ياشتىن يۇقىرىلار يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن .يىقىلىپ چۈشۈشنى ياشانغانلارنى زەخمىلەندۈرىدىغان قاتىل دېيىشكە بولىدۇ .مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ،دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ، جۇڭگو نوپۇس فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىىشپ ‹ئاتا -ئانام ›ناملىق پاراۋانلىق پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇپ ،ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى .10-ئاينىڭ 2-كۈنى ‹ئاتا -ئانام ›ناملىق پاراۋانلىق پائالىيىتى بېيجىڭدا ۋە نىڭشىياددا ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ قىسمەن ياشانغانلارغا يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگەتتى .
تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سومكىسىنى تارقاتتى . جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېزگىنلەش مەركىزىنىڭ 2013-يىللىق مەملىكەتلىك زەخىملىنىشنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا ،ئېلىمىزدە 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆيدە يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ر 55.17%ئىگىلەيدىكەن ،يېقىلىپ كېتىپ سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەنلەر 30.20% ئىگىلەيدىكەن .يىقىلىپ چۈشكەن ياشانغانلار ئىچىدە تەخمىنەن40%تىن 70 %گىچە زەخىملىنىپ داۋالىنىشقا يۈزلىنىدىكەن .
يىقىلىپ چۈشۈپ يېتىپ قالسا ياشانغانلارنىڭ تېنى ئاسانلا ئاجىزلاپ كېتىدىكەن .دېۋەڭلىك كېسىلى كۆرۈلىدىكەن ھەمدە شۇ يىقىلىپ كېتىش سەۋەبلىك بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدىكەن .58.8%ياشانغان كىشى يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن يىقىلىشتىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ ئۆزىگە ئىشەنمەس ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماس بۇلۇپ قالىدىكەن .ئاجىزلىشىشى ،ئاسانلا يىقىلىپ چۈشۈشتەك يۇشۇرۇن ئايلانما ھالەت شەكىللىنىدىكەن .
مەركىزى تىلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياشانغانلارنىڭ يىقىلىشتىن ساقلىنىشىنى نۇقتىلىق خەۋەر سۇپىسىدا ئېلان قىلدى ،بۇ جەمئىيىتىمىزدە ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش مەسىلىسىگە بولغان تۇتۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق .ھازىر ئېلىمىزىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى .ئەگەر مەملىكەت دائىرىسىدە كېڭەيتىلسە بۇنىڭدىن بەھرىمان بولىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved