12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى بايرامدا، جەنۇبىي ئافرىقا لىمپوپو ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جانبازلىق مۇسابىقىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ مۇسابىقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ھەر يىلى روژدېستوۋدا لىمپوپودىكى مۇھىم پائالىيەتكە ئايلانغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇسابىقىنىڭ تارىخىنى 19-ئەسىرگىچە سۈرۈشكە بولىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىدە ئەڭ باتۇر پالۋان تاللاپ چىقىلىدىكەن، تاللانغان كىشى قاتتىق تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ھەقىقىي جەڭچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۇسابىقىنىڭ داغدۇغىسى قىلچە كېمەيمىگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا.
بۇ مۇسابىقە ئۈچ تۈرلۈك قائىدىسى بىلەن نام چىقارغان. بىرىنچىسى: قان چىققان ھامان توختاش. ئىككىنچىسى: بىر تەرەپ يىقىلغان ھامان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش. ئۈچىنچىسى: بىر تەرەپ تەسلىم بولغان ھامان مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش.
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى جايدىن كەلگەن پالۋانلىرى ئۆز قەبىلىسىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىكەن ۋە قەبىلىسى ئۈچۈن شان-شەرەپ قۇچىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved