قاتار ئەمىرى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

جاھان ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: قاتار ئەمىرى شەيىخ تەمىم ئىبنى ھاماد ئەل سانى، قاتارغا تۈركىيە ھەربىي بازىسى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى قاراردىن كېيىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغان بىلەن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە كۆرۈشتى.
تۈركىيە پرېزىدېنت سارىيىدىن ئېرىشكەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتار ئەمىرى  ئال سانى تۈركىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا، ئىنىرگىيە ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش تىمىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ۋە قاتار ئەمىرىنىڭ سۇرىيە، ئىراق، يەمەن ۋە پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان قاتاردا ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنت تاشقى ئىشلار كومىتىتىدا ماقۇللاندى. كېلىشىم بويىچە قاتارمۇ تۈركىيەگە ھەربىي خادىملارنى ئەۋەتەلەيدۇ.
تاشقى ئىشلار كومىتىتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېلىشىم بويىچە تۈركىيە قۇراللىق ئارمىيىسىنىڭ كىرەك بولغاندا قاتاردا ئەسكەر تۇرغۇزالايدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولۇپ، « ئۇرۇش تەييارلىقى، ئىككى تەرەپلىك مانىۋېر، ئەسكەر تەربىيلەش پائالىيەتلىرى ۋە ئارمىيە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئايرىم كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ. قاتارنىڭ تەلىپى بىلەن دۆلىتىمىزگە ھەربىي خادىم ئەۋەتىلىشى مۇمكىن» دېيىلدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققى قىلىشى باش تىما قىلىنغان كېلىشىم بىلەن بىرگە، ھەربىي تەربىيە خىزمىتى، مۇداپىئە سانائىتى، بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ۋە تەرەپلەر ئارىسىدا ئارمىيە تۇرغۇزۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بىر مىخانىزىم قۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا.

كومىتىت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر پىلانلانغان بولۇپ يەنە تۈۋەندىكلەر بىلدۈرۈلدى:
«دۆلىتىمىز قولتۇق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئىستىراتىگىيەلىك نوقتىدىن قارايدۇ، بۇ ئىستىراتىگىيەلىك قارىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى بولسا رايۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىدۇر. بۇ كېلىشىم دۆلىتىمىزنى تارىخى نوقتىدىن بىز بىلىدىغان ۋە تەسىر دائىرىمىز چوڭقۇر بولغان بۇ رايۇندا ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنغا ئېرىشتۈرىدۇ. كومىتىتىمىز تەرىپىدىن ماقۇللانغان بۇ كېلىشىم قارارى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇداپىئە سانائىتى ، ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش ۋە تەربىيلەش خىزمىتىدىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مۇداپىئە سانائىتى، ھەربىي ھەمكارلىق ۋە تەربىيلەش ساھەلىرىدە قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملىرى ۋە مانىۋېر خىزمەتلىرى بار. كەلگۈسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىملەر باشقا قولتۇق دۆلەتلىرى بىلەن ھەم تۈزۈلىشى مۇمكىن. قولتۇق رايۇنىدا بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش پوزىتىسيەلىرى بار» .

 



14-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek