دۈشمەن سېپىگە قوشۇلغان ياشلار ئاپەت ئېلىپ كېلەرمۇ ؟

«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى »نىڭ كېڭىيىشى ئىنتايىن تېز بولدى، بۇ تەشكىلاتقا يېڭىدىن قوشۇلغان 3000دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئەھۋالنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇلار ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيادا تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاق ئورنىتىۋاتقان مەزگىلدە غەربتىكى بۇ ياشلار نېمە ئۈچۈن دۈشمەن سېپىگە قوشۇلىدۇ ؟


سەئۇدى ئەرەبىستان «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى»نىڭ 24-يانۋاردىكى سانىدا، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتتا غەرب مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى 2000 گە يەتتى، نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ سان ئىنتايىن تېز كۆپەيدى، دېيىلگەن. يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەمىنلىشىچە، 500دىن ئارتۇق ئەنگلىيەلىك سۇرىيە ۋە ئىراققا بېرىپ، رادىكال تەشكىلاتقا قاتناشقان.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 6-ئۆكتەبىر يېقىندا ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى »گە قاتناشماقچى بولغان بىر ئەرنى قولغا ئالغان، ياپونىيە توكيو ساقچى دائىرىلىرىمۇ شۇ كۈنى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» گە قاتناشماقچى بولغان بىر ياشنى قولغا ئالغان.


ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئىراقلىق بولۇپ، سۇرىيە ۋە باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن چەت ئەللىك «جەڭچى»لەرنى «يەمچۈك» قىلىدىكەن. ئۇلار يەمچۈك قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە قاتنىشىدۇ ؟


بۇ دۇنيادىكى باي كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بايلىق بىر قۇتۇپقا مەركەزلىشىپ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشقاندا، كىشىلەر ئاسانلا رادىكال ئىدىيەنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تيەن ۋىنلىن :بۇ غەربلىكلەر ئاساسلىقى مۇسۇلمان، ئۇلار غەربكە بارغان بولسىمۇ، مەدەنىيەت جەھەتتە غەربكە سىڭىپ بولالمىغان، بولۇپمۇ «11-سېنتەبىر »ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇلار ئاساسىي ئېقىمنىڭ چەتكە قېقىشىغا ۋە يەكلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇلار تەرتىپلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، مەدەنىيەت جەھەتتە يەنە چۈشىنەلمەسلىك ئىدىيىسىدە بولۇپ كەلگەن، دېگەن.


ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېنىقلىشىچە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى »نىڭ ئادەملىرى 31مىڭ 500گە يەتكەن. 80 دۆلەتتىن كەلگەن قوراللىقلار بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان.


«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا: نۇرغۇن غەرب مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى »ئۆزلىرىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا «شارائىت »ھازىرلىدى. ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىپ كەلسە خەۋپ كەلتۈرىدۇ، دېيىلگەن.


تيەن ۋىنلى: مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ۋاقىتلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن باشقا، يەنە پۇقرالار چەت ئەللەرگە چىققاندا ئۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە تۈپتىن تىزگىنلەش كېرەك، لېكىن بۇ تەدبىرنى قىسقا مەزگىلدە يولغا قويغىلى بولمايدۇ، دېگەن.



خەتكۈچلەر:
30-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
12-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا ئېرىشىپ ھەمد...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازا سىرتقى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.    ...
12-05-2016
     دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىئوسەيېر 9-ماي: ئاز دېگەندىمۇ 110 دۆلەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇشۇ ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغا...
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
Powered by Leglek